作词 : KOZ/MESHEL/Haksar
作曲 : Inter/MESHEL/KOZ/Haksar
编曲 : MESHEL/KOZ/Haksar
ئاق ھاراق ، بۇ سەسكەنمەس پۇراق
ئەي ،ئۇھف پۇراق ، يانماي ئىچىمىز بىراق
ئاق ھاراق ، بۇ سەسكەنمەس پۇراق
ئەي ،ئۇھف پۇراق ، يانماي ئىچىمىز بىراق
ئىستاكاندا لىق ھاراق باشلاندى سورۇن .
ئۈستەلدە نازۇ نېمەت تەييار بولدى قورۇما .
ئاغىنەمنىڭ بىرسى كەلمىدى قالدۇرۇپ قوياي ئورۇن .
مەستلىكىمدە تۇيۇلدى بۇ كېچە ئۇزۇن .
ئىچسەك ئىچسەك تۈگىمىدى . ئىچىپتىمىز . بەش كىلو .
سورۇندا كۆرۈنۈش كۆرۈندى ماز كىنو .
دېدى ئەدەپ ئوبۇرنىگە مېڭىشلىرى لەپپەڭ .
قۇسۇپ كىرىپ يانماي يەنە ئىچەي دېسە ھە دەڭ .
ھاجەتخانىدىن قايتىپ كېلىپ دېدى ئاداش ئىچى .
ئۇسساپ كەتتىم نۆۋەت كەلدىمۇ ماڭا بىرنى قۇشى .
نۆۋەت كىمدە رومكىنى بېرە . كەينىدىن بەش رومكا ھۆرمىتىگە ئىچە
ئىچكىنىمىز زەپەر ئەمەس ، ئىچكىنىمىز ھاراق .
زابويلارغا كۆنۈپ كەتتى سەسكەلمەس پۇراق .
كوچىدا چىراغ يانماپتۇ ، بىراق .
مەس بولسام تاپالمايمەن ئۆيۈم يىراق .
ئۆيۈم نەدە زادى قايسى مەھەللە
خوتۇن كېلە ، مېنى يۆلەپ كىتە
مەستلىكىمدىن يېشىلگەندە
ناۋات ، ھەسەل چاي دەملەپ بېرە
ئاق ھاراق ، بۇ سەسكەنمەس پۇراق
ئەي ،ئۇھف پۇراق ، يانماي ئىچىمىز بىراق
ئاق ھاراق ، بۇ سەسكەنمەس پۇراق
ئەي ،ئۇھف پۇراق ، يانماي ئىچىمىز بىراق
ھاراق دېگەن ، پادىشاھ قىلمايدۇ مەست قىلىدۇ .
خالىساڭ تالادا ئۇخلايدىغان پەس قىلىدۇ .
ئەتىسى ئىش خوش ياقماي پۇل تاپماقنى تەس قىلىدۇ .
ئىككى رومكا ئارتۇق كەتسە خوتۇن كۆڭۈلنى غەش قىلىدۇ .
ئاخشام ئىككى رومكا ئارتۇق كەتكەن چېغى بار .
مۇناسىۋەتنى قويۇق قىلىمىز دەپ كىردۇق ھاراق بېغىغا .
ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن ئىچىپ ، تونۇمايدىغان بىلەن ئاغىنە بولۇپ
گاھىدا قېرى ، گاھىدا تۇغۇلمىغان ھامىلە بولۇپ .
پاراڭ قىزىق تېخى بالىلار تەڭشىلىپ قالغان چېغى سورۇن .
خېلى ئۇزۇن داۋام ئەتتى تۈگەپ كەتتى قورۇم .
بولدى دېسەك ئۇنىماي بىرسى ئېسىلىۋالدى رومكىغا .
ئېغىزىدا دەيدۇ يەنە قېنى ھاراق قېنى .
بىز ھاراقكەش ئەمەس ، ھاراقنىڭ بىزگىمۇ مەيلى بار .
ئۈچ تۆت رومكا ئارتۇق كەتسە ياندۇرۇپ قويىدىغان پەيلى بار .
ئىشقىلىپ ھەممىسى مەس كۆرۈنىدۇ تەڭشىلىپ قالغان چېغى بار .
ماۋۇ سورۇننى ئاخىرلاشتۇرۇپ كېتەيلى خەقنىڭ بېغىغا .
ئاق ھاراق ، بۇ سەسكەنمەس پۇراق
ئەي ،ئۇھف پۇراق ، يانماي ئىچىمىز بىراق
ئاق ھاراق ، بۇ سەسكەنمەس پۇراق
ئەي ،ئۇھف پۇراق ، يانماي ئىچىمىز بىراق