作词 : 无
作曲 : 无
演唱:Kawsar abdugeni
تۇنجى سۆيگۈ
سەن قەيەردە سەن سۆيگۈ سۇلتانى
كۆڭلۈم ئۆيىنىڭ تۇنجى مېھمانى
قەيەردىن ئېلىپ تاشلايدۇ نەگە
بىزنى رەھىمسىز تەغدىر بورانى
ئالدىمدا بىر جۈپ ئايرىلماس يۈرەك
سەن ئويۇپ ماڭا خاتىرە ئەتكەن
بەختىم بارمىدى شۇنىڭدىن بۆلەك
شادلىنىپ بېشىم كۆكلەرگە يەتكەن
قوش يۈرەك مېنى باشلايدۇ گاھى
چەكسىز خىياللار باياۋانىغا
سېھرى كۈچ بىلەن تاشلايدۇ گاھى
تۇنجى سۆيگۈ گۈلخانلىرىغا
music
ئايلىنار ئىكەن يەرشارى
بولماس بۇ تەلەي ھېچكىمگە باقى
ئايلىنار ئىكەن يەرشارى
بولماس بۇ تەلەي ھېچكىمگە باقى
ئۆچمەيدىكەن ھەم كۆچمەيدىكەن ھەم
دەسلەپكى يارنىڭ پىراقى
ئۆچمەيدىكەن ھەم كۆچمەيدىكەن ھەم
دەسلەپكى يارنىڭ پىراقى
ئۆچمەيدىكەن ھەم كۆچمەيدىكەن ھەم
دەسلەپكى يارنىڭ پىراقى
——