作曲 : Faryode
编曲 : Faryode
سەن ئېتىڭنى توقۇپ چىق ،
بىللە بارىلى تۇزغا ،
ئۆزەم كىچىك بولساممۇ ،،
كۆيۈپ قالىمەن ئۇزغا
پېشايۋاندىن سۇ ئاقتى ،
يار ئۆگزەڭدە قار بارمۇ
كۆرۈشەي مەن دەپ كەلدىم
يار كۆڭلۈڭدە مەن بارمۇ
ھەي ، ھەي ، خالىدەم
بىلەمسەن ئۆزۈڭ
يۈرىكىمنى كۆيدۈرگەن ،
ئاھۇ كۆزلىرىڭ
يارىشىپتۇ ، خالىدەم سۇمبۇل چاچلىرڭ
تارتىۋالدى مەيلىمنى قەلەم قاشلىرىڭ
خالىدەم ، ساڭا كۆيگىنىم كۆيگەن
باشتا سۆيگەن لەۋلىرىڭگە سۆيگىنىم سۆيگەن