作词 : Mamut Zayit
作曲 : Eminjan Yusup
编曲 : Mahmutjan Mamut麦合木提江
ۋاپا مۇھەببەت
سۆزى:مامۇت زايىتنىڭ
مۇزىكىسى: ئىمىنجان يۈسۈپنىڭ
ئاككورىدلاشتۇرغۇچى:مەھمۇتجان مامۇت
مۇزىكا
تۇغۇلدۇم ئىنساندەك ئۆمۈر كۆرگىلى،
باياشات نۇر گۈزەل دۇنيا قۇرغىلى،
ياشلىقنىڭ نىگارنىڭ پەيزىن سۈرگىلى،
بەختنىڭ تۈۋرۈكى ۋاپا مۇھەببەت.
مۇزىكا
بۇ دۇنيا بىر ئۆتەڭ ئادەم يولۇچى،
تۆھپەڭ شۇ، قەدرىڭ شۇ بولساڭ قۇرغۇچى،
جاھاننى گۈللىتەر ئەقىل قول -كۈچى،
ئىنساننىڭ يۆلىكى ۋاپا مۇھەببەت.
مۇزىكا
ياشايمەن پەرھاتتەك جەسۇر مەردانە،
ئەل بول يۇرتنىڭ ئىشقىدا -بولۇپ پەرۋانە،
قېشىمدا ۋاپادار، گۈزەل جانانە،
ياشلىقنىڭ يۈرىكى ۋاپا مۇھەببەت.
مۇزىكا
ھاياتتا غەۋۋاستەك غۇلاچ ئاتىمەن،
گۆھەرلەر سۈزىمەن، ئەلگە چاچىمەن،
ئەجرىمدىن يېپيېڭى بىر يول ئاچىمەن،
ئىنساننىڭ يۆلىكى ۋاپا مۇھەببەت.
ۋاپا مۇھەببەت، ۋاپا مۇھەببەت،
ئىنساننىڭ يۆلىكى ۋاپا مۇھەببەت