作词 : FeruqSattar
作曲 : FeruqSattar
ئانا دەيمەن سېنى گۈل دىيار
سەن مېنىڭكى كۈچ مادارىمسەن
پەپىلەيسەن باھارىڭ بىلەن
چىكەمدىكى گۈل چىچەگىمسەن
پەپىلەيسەن باھارىڭ بىلەن
چىكەمدىكى گۈل چىچەگىمسەن
ھۇجۇدۇڭدىن ئوتلۇق ھارارەت
سىڭىپ كىرگەچ جىسمىمگە مانا
قەلبىمدىكى ئۆچكەن ئۈمۈدنى
يېلىنجاتتىڭ يالقۇن بوپ يەنە
قەلبىمدىكى ئۆچكەن ئۈمۈدنى
يېلىنجاتتىڭ يالقۇن بوپ يەنە
جاھان ئەھلى بىلدى نامىڭنى
تونۇلغاچقا ئوت ماكانى دەپ
ئوغۇل-قىزىڭ ئىللىق باغرىڭدا
شاد ياشايدۇ شەنىڭنى سۆزلەپ
ئۆزگە يۇرتقا تېگىشمەيمەن ھەم
ئىپتىخارىم سەن غورورۇمسەن
مەن پەرزەنتىڭ سۆيگۈڭ ماڭا خاس
مەنزىللەردە شەرەپ-شانىمسەن
ئانا دىيار گۈللىگىن يەنە
خەلقىم كۈتەر نۇرلۇق كېلەچەك
ئۇتۇقىڭدىن كۈتىمىز سېنى
دەستە-دەستە تىزىپ گۈل چىچەك
ئانا دەيمەن سېنى گۈل دىيار
سەن مېنىڭكى كۈچ مادارىمسەن
ئانا دەيمەن سېنى گۈل دىيار
چىكەمدىكى گۈل چىچەگىمسەن
ھارارەتلىك ئوت ماكانىم سەن