作词 : rozi beg
作曲 : rozi beg
编曲 : rozi beg
سەن ھاتمنىڭ مەناسى ئۆزۈڭ
كۆيدۈرگەن مېنى خومار كۆزۈڭ
ئاشىقىڭ مەن گۈزەلىم
شەيدا قىلغان گۈلدەك يۆزۈڭ
ئاڭلىغۇم بار شېرىن سۆزۈڭ
مېنى مەپتۇن قىلغان ئۆزۈڭ
سۈيىمەن سېنى جانىم مەڭگۈگە
ئىشەن جانىم مېنىڭ سۆزۈمگە
ئاشىقىڭ مەن مەن سېنىڭ
تاتلىق كۈلكەڭ ئېسىمدە مېنىڭ
ئاشىقىڭ مەن مەن سېنىڭ
ئىشەن جانىم سۆزۈمگە مېنىڭ
شەيدايىڭمەن باھارىمسەن
ھاياتىمدا ئۆزۈڭ بار سەن
بىغۇبارىم يۈرەكىمنىڭ
شوخ سايرىغان تارىسى سەن