作词 : Lutpulla Mutellip
作曲 : Zikiri Alpatta
زۆھرە جانىم ۋەسلىڭ ئىزلەپ
رەقىپ قولىغا چۈشتۈم ئەمدى
زۆھرە جانىم ۋەسلىڭ ئىزلەپ
رەقىپ قولىغا چۈشتۈم ئەمدى
كېچە - كۈندۈز دىدار ئىزلەپ
ئوتدەك يانىپ ئۆچتۈم ئەمدى
كېچە - كۈندۈز دىدار ئىزلەپ
ئوتدەك يانىپ ئۆچتۈم ئەمدى
ئۆمرۈم ئۆتتى تىنماي يىغلاپ
كۆزۈم قانلىق يۈرەك زەرداپ
مانا ئاقىۋەت بولدۇم خارابات
ئۆزگە دۇنياغا كۆچتۈم ئەمدى
مانا ئاقىۋەت بولدۇم خارابات
ئۆزگە دۇنياغا كۆچتۈم ئەمدى
زېمىننى باسسۇن ئاھۇم مېنىڭ
پەلەكتىن ئاشسۇن زارىم مېنىڭ
پەرىشاندۇر ھالىم مېنىڭ
ياردىن جۇدا بولدۇم ئەمدى
پەرىشاندۇر ھالىم مېنىڭ
ياردىن جۇدا بولدۇم ئەمدى
تايىر دەرلەر نامىم قالدى
يىغام بىلەن زارىم قالدى
تايىر دەرلەر نامىم قالدى
يىغام بىلەن زارىم قالدى
ئەجەل مىنى قوينىغا ئالدى
ئارمان بىلەن ئۆلدۈم ئەمدى