作曲 : Ablet Ablikim阿布来提阿布力克木
تېكىستى : ئەمەتجان قۇربان
گۈل شېخىدىن ئايرىلدى سۇلدى
غۇنچىسىمۇ قايرىلدى سۇندى
چىن مۇھەببەت بويۇن قىسقۇچە
ئۇچراشمىساق بوپتىكەن ئەسلى
چىن مۇھەببەت بويۇن قىسقۇچە
ئۇچراشمىساق بوپتىكەن ئەسلى
ئۇچراشمىساق تەنھا سۆيگۈلەر
ئۇچراشمىساق بولمايتتى سۆزلەر
ئۇچراشمىساق باقمايتتى كۆزلەر
ئۇچراشمىساق بوپتىكەن ئەسلى
ئوتلۇق كۆزلەر بېقىشماس ئىدى
سۆيگۈ مېھرى ئېقىشماس ئىدى
ئوتلۇق كۆزلەر بېقىشماس ئىدى
سۆيگۈ مېھرى ئېقىشماس ئىدى
سېنى كۆرۈپ مەڭگۈ يىراقتىن
ئۆتمەي تۇرۇپ مۈشكۈل سىناقتىن
دەرىت تارىتقۇچە ھىجران ئازاپتىن
ئۇچراشمىساق بوپتىكەن ئەسلى
دەرىت تارىتقۇچە ھىجران ئازاپتىن
ئۇچراشمىساق بوپتىكەن ئەسلى
شۇنچە شېرىن باغلانغان سۆيگۈ
قايان كەتتى يوقالدى نەگە
چىن يۈرەكتىن بەرگەن شۇ ۋەدە
قايان كەتتى يوقالدى نەگە
ئۇچراشقاندا خىيال سۈرگەندە
رىشتىمىزنى چىگىپ يۈرگەندە
ۋاپا ئەھلى بولماي يۈرگەندە
ئۇچراشمىساق بوپتىكەن ئەسلى
ۋاپا ئەھلى بولماي يۈرگەندە
ئۇچراشمىساق بوپتىكەن ئەسلى
گۈل شېخىدىن ئايرىلدى سۇلدى
غۇنچىسىمۇ قايرىلدى سۇندى
چىن مۇھەببەت بويۇن قىسقۇچە
ئۇچراشمىساق بوپتىكەن ئەسلى
سېنىڭ ئاشۇ ئاۋات مەلەڭدە
ئۇچراشمىساق بوپتىكەن ئەسلى
ئۇچراشمىساق تەنھا سۆيگۈلەر
ئۇچراشمىساق بولمايتتى سۆزلەر
ئۇچراشمىساق باقمايتى كۆزلەر
ئۇچراشمىساق بوپتىكەن ئەسلى
ئۇچراشمىساق بوپتىكەن ئەسلى