作曲 : Abduwali sattar
编曲 : Abduwali sattar
*مۇزىكا*
دولقۇن ئۇرۇپ ئاقىدۇ بىراۋنىڭ دەريالىرى
ئارزۇلارغا ياقىدۇ بىراۋنىڭ دۇنيالىرى
دولقۇن ئۇرۇپ ئاقىدۇ بىراۋنىڭ دەريالىرى
ئارزۇلارغا ياقىدۇ بىراۋنىڭ دۇنيالىرى
سەن ئۆزۈڭنىڭ دەردىدە سېغىنىش ئىستەگدە
يۈرىكىدە ياتىدۇ بىراۋنىڭ بەرنالىرى
سېنىڭ دۇنيارىڭ ئۆزۈڭ رەڭدار باھارىڭ ئۆزۈڭ
ھاياتىڭ باغلىرىدا سۆيگەن جانانىڭ ئۆزۈڭ
سېنىڭ دۇنيارىڭ ئۆزۈڭ رەڭدار باھارىڭ ئۆزۈڭ
ھاياتىڭ باغلىرىدا سۆيگەن جانانىڭ ئۆزۈڭ
...
يىغلىمىدىڭ بىرەر رەت تار كەلگەندە تەلىيىڭ
ئىگەلمىدى قەددىڭنى تارتقان دەردۇ ئەلىمىڭ
يىغلىمىدىڭ بىرەر رەت تار كەلگەندە تەلىيىڭ
ئىگەلمىدى قەددىڭنى تارتقان دەردۇ ئەلىمىڭ
يۈرۈكۈڭدە ئۈزۈم بار،تىلىكىڭدە ئۈزۈڭ بار
بىر ئۈمۈدلۈك كۆزۈڭ بار گۈزەل چۈنكى مەنزىلىڭ
سېنىڭ دۇنيارىڭ ئۆزۈڭ رەڭدار باھارىڭ ئۆزۈڭ
ھاياتىڭ باغلىرىدا سۆيگەن جانانىڭ ئۆزۈڭ
سېنىڭ دۇنيارىڭ ئۆزۈڭ رەڭدار باھارىڭ ئۆزۈڭ
ھاياتىڭ باغلىرىدا سۆيگەن جانانىڭ ئۆزۈڭ
*مۇزىكا*
ئايال ئايالغۇچىدۇر ئايال ئاجىز غۇنچىدۇر
ئايال ئەسلى ھاياتنىڭ بوينىدىكى ئۈنچىدۇر
ئايال ئايالغۇچىدۇر ئايال ئاجىز غۇنچىدۇر
ئايال ئەسلى ھاياتنىڭ بوينىدىكى ئۈنچىدۇر
غۇنچە بۇلۇپ ياشىغان ئۈنچە بۇلۇپ ياشىغان
سەندەك مەغرۇر ئايالغا غېرىپلىق ئۆتكۈنچىدۇر
سېنىڭ دۇنيارىڭ ئۆزۈڭ رەڭدار باھارىڭ ئۆزۈڭ
ھاياتىڭ باغلىرىدا سۆيگەن جانانىڭ ئۆزۈڭ
سېنىڭ دۇنيارىڭ ئۆزۈڭ رەڭدار باھارىڭ ئۆزۈڭ
ھاياتىڭ باغلىرىدا سۆيگەن جانانىڭ ئۆزۈڭ