作词 : 无
作曲 : 无
Guitar
ئۆزەمنىڭ شەھرىدىن چىقسام
مېنى يوقلار كىشى بارمۇ ؟
غېرىپلىق شەھرىدە ئۆلسەم
ماڭا يىغلار كىشى بارمۇ ؟
Guitar
قېنى قەۋمۇ-قېرىنداشىم
بۇ يولدا يوق بىر يولداشىم
كۆزۈمدىن قان ئاقار ياشىم
مېنى يوقلار كىشى بارمۇ ؟
Guitar
ئاشارمەن تاغ بىلەن دەريا
كېزەرمەن چۆل بىلەن سەھرا
كىيىكلەرگە بولۇپ ھەمرا
مېنى يوقلار كىشى بارمۇ ؟
Guitar
بۇ مەشرەپ زار يىغلايدۇ
كىشى ھالىنى بىلمەيدۇ
بۇيەردىن باش ئېلىپ كەتسەم
مېنى يوقلار كىشى بارمۇ ؟