作词 : Abdurxit-Music
作曲 : Abdurxit-Music
编曲 : Abdurxit-Music
كەتكۈم بار
نىگار ئۈچۈن سۆيگۈ دېڭىزىدا
دولقۇن بولۇپ ئېقىپ كەتكۈم بار
نىگار ئۈچۈن سۆيگۈ دېڭىزىدا
دولقۇن بولۇپ ئېقىپ كەتكۈم بار
ۋىسال ئىزدەپ يىراق جايلارغا
كەپتەر بولۇپ ئۇچۇپ كەتكۈم بار
ۋىسال ئىزدەپ يىراق جايلارغا
كەپتەر بولۇپ ئۇچۇپ كەتكۈم بار
كىرىپ سېنىڭ نازۇك دىلىڭغا
يامغۇر كەبى سىڭىپ كەتكۈم بار
كىرىپ سېنىڭ نازۇك دىلىڭغا
يامغۇر كەبى سىڭىپ كەتكۈم بار
بىرگە ماڭغان سۆيگۈ يولىدا
چىراغ بولۇپ يېنىپ كەتكۈم بار
بىرگە ماڭغان سۆيگۈ يولىدا
چىراغ بولۇپ يېنىپ كەتكۈم بار
مۇزىكا
غېرىبسىنىپ قالساڭ بەزىدە
بۇلبۇل بولۇپ سايراپ بەرگۈم بار
غېرىبسىنىپ قالساڭ بەزىدە
بۇلبۇل بولۇپ سايراپ بەرگۈم بار
تولۇنئايدەك ئوماق ئوماق چېھرىڭگە
كۈلكە بولۇپ سىڭىپ كەتكۈم بار
تولۇنئايدەك ئوماق چېھرىڭگە
كۈلكە بولۇپ سىڭىپ كەتكۈم بار
كۈلكە بولۇپ سىڭىپ كەتكۈم بار