编曲 : Mamateli-Axik
制作人:abduwali tur
يارنى يار دەمدۇ كىشى
ياماننى خالامدۇ كىشى
ئايارەي ۋاي ۋاي سەنەم
ياخشى يار ياندا تۇرۇپ
ياماننى خالامدۇ كىشى
ئايارەي ۋاي ۋاي سەنەم
مەن يىراقتىن يارنى كۆردۈم
يار مىنى ۋاي كۆردىمىكىن
شاخنى ئىگىپ ئايارەي ۋاي ۋاي سەنەم
يۈرۈگۈمگە ئوت تۇتاشتى
يار ئۇنى ۋاي بىلدىمىكىن
ئايارەي ۋاي سەنەم
ۋاي قىزىل قىزىل پىيازنىڭ
ۋاي پوستى تولا يارىيار
ۋاي ئىشلەمچى ياش باللانىڭ
ۋاي دوستى تولا ئايارەي ۋاي ۋاي سەنەم
ۋاي چىللاڭ توخام قىچقىرىڭ خوراز
يارىم ئويغانسۇن يارىيار
ۋاي مۇقام ئېيتىپ سازنى چالاي
چۈچۈپ ئويغانسۇن ئايارەي ۋاي ۋاي سەنەم
تال ئۇچى تالغا تىگەمدۇ
تال ئۇچى تالدىن يىراق
مەيلىمىز سىزگە چۈشۈپتۇ
ئۆيىمىز ئاندىن يىراق
ئۆي يىراقى بولسا بولسۇن
كۆڭۈل يىراقى بولمىسۇن
ئىككىمىزنىڭ ئاراسىدا
ۋەدە يالغان بولمىسۇن
يارىم بىلەن ئىككىمىز يارىيار ئايلىنىمەن
ئايرىلماسقا دوس بولغان يارىيار ئايلىنىمەن
باشتا ۋەدىمىز شۇنداق يارىيار ئايلىنىمەن
ئايرىلماسقا دوس بولغان يارىيار ئايلىنىمەن
ئانار گۈلى نادۇرمەن يارىيار ئايلىنىمەن
مەن يارىمنى تاپۇرمەن يارىيار ئايلىنىمەن
مەن يارىمنى تاپقاندا يارىيار ئايلىنىمەن
مۇرادىمغا يىتۇرمەن يارىيار ئايلىنىمەن
ئاچىلىپ قاپتۇ باغنىڭ گۈللەرى
ئوينايدىكەن ئۆرگىلىمەن قەشقەر باللارى
مىلى نەغمە سازىمىز كۆڭۈل ئاچار چاغىمىز
ھەممە مىللەت ئۆم ئىناق ئەمدى ئوينار چاغىمىز
يارىم مىنى تىللايدۇ
بېقىۋاغان بالىسىدەك
تىللاپ بولۇپ ئالدايدۇ
يېڭى باغنىڭ ئالمىسىدەك ۋاي دادەي
ئالما ئاتسام دەرياغا
لەيلىۋىلىپ چۈكمەيدۇ
سەن يارىمنىڭ ئوتلارى
يالقۇنلايدۇ ئۆچمەيدۇ ۋاي دادەي
ئاجايىپ……
ئاجايىپ……