作词 : Pirates
作曲 : Pirates
编曲 : Pirates
قەدەمنى ئالغاندا قارارىڭ جاۋاب
توختا ! يىراقمۇ قارارىڭ جاۋاب
ئۆزۈڭنى ئۇنۇتما قارارىڭ جاۋاب
ئازما قارارىڭ جاۋاب
قەدەمنى ئالغاندا قارارىڭ جاۋاب
توختا ! يىراقمۇ قارارىڭ جاۋاب
ئۆزۈڭنى ئۇنۇتما قارارىڭ جاۋاب
ئازما قارارىڭ جاۋاب
سەھەردىكى شابنەم
چىڭقىچۈشتىكى ئاپتاپ
كەچكى شەپەق بىلەن خىيالنى قاپلاپ
شۇقەدەر غۇۋا ، شۇقەدەر تىمتاس
بىر تال بۇغداي
بىر پارچە ئېتىز
بىر بېلىقچى قولىدا
بىر دانە بېگىز
يەتمەك توسالماس نىشانى دىڭىز
تەس ئەمەس بېلىقچىغا چىگىشنى يەشمەك تەسمىدۇ سەن بىزگە نىشانغا يەتمەك !؟
سوئالىڭ بار ئەينەكلىك كىم ؟
كۆزۈڭنى ئاچتىڭ قاپلىدى تۇمان
جاۋابىڭ بار لېكىن يەنە جىم
پارچە زىيان بىلەن لىققىدە گۇمان
تاللىشىم بار دەپ ئالغاندەك قەدەم
تەرەپ غۇۋا تىترىدى بەدەن
رەت قىلغۇڭ بار
جۈرىتىڭگە قارار يوق
ئۇنتۇغۇڭ بار
ئەسلىگۈدەك جانان يوق
damn كېلىسەن قايتا
قاپىقىڭ يامان يول بەك يىراقتەك
ئۇرۇلۇپ سوقۇلۇپ پەرۋانە چىراقتەك
ئويۇنغا سەكرەپ بۇرۇنقى گىرافتەك
تاللا تەرەپ بىلەن قان بار
تەمتىرىسەڭ ئويلا شاراب بىلەن جام بار
سەن تەۋە ئەمەس
كوچىلاردا ئېزىڭ يوق
سەن ئەما ئەمەس
دوڭغۇدەك ئىتىڭ يوق
گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار
ئويۇننىڭ تېگىدە سەپ بار
بىر كۆز بىلەن پەرق باشقا
مىڭ سۆز بىلەن غەرق باشقا
دېمەكچى
خەق نېمە دېسە ھەماقۇل تۇغۇلمايلا ئۆلدى
خۇددى بىر توپ شام ئالدىدا ئېلىپ چىقىپ
چىراقنى ئۇرە ئون دەررە گۇناھىغا ئەمدى بولدى
ئويغانغاندەك چۇشتىكى چۇشتىن
ئاستا كۆتۇرلۇپ يازدىكى قىشتىن
سەۋەب يەنە شۇ كونا سەۋەب
كۆڭلۇكگە ئايان ئۇ قايسى تەرەپ
قەدەمنى ئالغاندا قارارىڭ جاۋاب
توختا ! يىراقمۇ قارارىڭ جاۋاب
ئۆزۈڭنى ئۇنۇتما قارارىڭ جاۋاب
ئازما قارارىڭ جاۋاب
قەدەمنى ئالغاندا قارارىڭ جاۋاب
توختا ! يىراقمۇ قارارىڭ جاۋاب
ئۆزۈڭنى ئۇنۇتما قارارىڭ جاۋاب
ئازما قارارىڭ جاۋاب