作词 : Mamtimin-Turgun
作曲 : Mamtimin-Turgun
ۋەتەندە بىر گۈزەل رەنانى سۆيدۈم
بويلەرى غۇنچە زىبانى سۆيدۈم
خەلقىم روھىدىن ئىشچاننى سۆيدۈم
ئەجەپ مىھرىبان نىگارنى سۆيدۈم
يۇرتۇمنىڭ گۈلى رەنانى سۆيدۈم
سۆيدۈم سۆيدۈم سۆيدۈم رەنانى سۆيدۈم
بويلەرى غۇنچە زىبانى سۆيدۈم
دېھقاننىڭ قىزى ئىشچاننى سۆيدۈم
ئۇرغۇپ بەزىدە غەيرەت شىجائەت
باغ ياساپ چۆلنى ئەيلىدى جەننەت
تەر تۆكۈپ تاپتى ئەجرىدىن بەركەت
ئەجەپ مىھرىبان نىگارنى سۆيدۈم
يۇرتۇمنىڭ گۈلى رەنانى سۆيدۈم
ئەجەپ مىھرىبان نىگارنى سۆيدۈم
دېھقاننىڭ قىزى ئىشچاننى سۆيدۈم
شەرەپ مىدالى تولغان كۆكسىگە
قايدۇر ھەممە ئۇنىڭ ئەقلىگە
تاتتىم مەدىلەپ ئۇنى نەزمىگە
ئەجەپ مىھرىبان نىگارنى سۆيدۈم
يۇرتۇمنىڭ گۈلى رەنانى سۆيدۈم
سۆيدۈم سۆيدۈم سۆيدۈم رەنانى سۆيدۈم
بويلەرى غۇنچە زىبانى سۆيدۈم
يۇرتۇمنىڭ گۈلى رەنانى سۆيدۈم