作词 : Mutellipjan Qawul
作曲 : Osmanjan Ayup
تويدۇم
كۆڭلى قارا جاناندىن تويدۇم
سۆيگۈ بىلمەس ناداندىن تويدۇم
بىۋاپا يار قالدۇرۇپ كەتكەن
يۈرەكتىكى ھىجراندىن تويدۇم
ئىشەنگىنىم بىۋاپا ئىكەن
يۈرۈكۈمگە سانجىلدى تىكەن
ئىشەندۈرۈپ يالغان ۋەدىگە
ئازاپلارغا سالغاندىن تويدۇم
ياش تۆكسەممۇ ھەربىر قەدەمدە
تەنھا ياشاپ ئۆتەي ئالەمدە
شاختىن - شاخقا قونۇپ ئۇيالماي
ئۆز يارىدىن تانغاندىن تويدۇم