作词 : abdurahman-tursun
作曲 : abdurahman-tursun
بولماسمىدى
سۆزى:كېرەم قاسىم
مۇزىكىسى: مەمتىمىن مامۇت
ناخشىدا: ئابدۇراخمان تۇرسۇن
♪
ئەي گۈزەل دەسلەپ ئوتۇڭدا
كۆيمىسەم بولماسمىدى
ئالدىراپ شېرىن لېۋىڭگە
سۆيمىسەم بولماسمىدى
ھەر مىنۇت كەلسەڭ ئېسىمگە
ياش تۆكەرمەن ئاھ ئۇرۇپ
بىر ئۆزۈم تەنھا ياشاشنى
كۆزلىسەم بولماسمىدى
ھەر مىنۇت كەلسەڭ ئېسىمگە
ياش تۆكەرمەن ئاھ ئۇرۇپ
بىر ئۆزۈم تەنھا ياشاشنى
كۆزلىسەم بولماسمىدى
♪
ئەمدى ھەسرەتلىك ياشاشتىن
باشقا نە باردۇر ئامال
كۆيسىمۇ باغرىم ساڭا ياش
تۆكمىسەم بولماسمىدى
بىلمىدىم ئىشقى پىراقنىڭ
دەرت-ئازابى قانچىلىك
تىگى يوق دەريا-دېڭىزدا
ئۈزمىسەم بولماسمىدى
بىلمىدىم ئىشقى پىراقنىڭ
دەرت-ئازابى قانچىلىك
تىگى يوق دەريا-دېڭىزدا
ئۈزمىسەم بولماسمىدى
♪
دەرت ئىكەن، ھەسرەت ئىكەن
كۆيگەن كۆڭۈلنىڭ ئەتىسى
تۇنجى رەت قاچقان چېغىڭدا
سۈرمىسەم بولماسمىدى
دەرت ئىكەن، ھەسرەت ئىكەن
كۆيگەن كۆڭۈلنىڭ ئەتىسى
تۇنجى رەت قاچقان چېغىڭدا
سۈرمىسەم بولماسمىدى
♪
گۈل توزۇپ قۇشلارمۇ كەتتى
بولۇپ كېتەرمۇ باغ خازان
بەرگىدىن گۈلگە ئۇۋال قىلىپ
ئۈزمىسەم بولماسمىدى
گۈل توزۇپ قۇشلارمۇ كەتتى
بولۇپ كېتەرمۇ باغ خازان
بەرگىدىن گۈلگە ئۇۋال قىلىپ
ئۈزمىسەم بولماسمىدى
بىر كۆيۈك دەردى جېنىمنى
كۈنسىرى قىلدى خاراب
گەر ئۆلۈپ كەتسەممۇ ھۆسنىڭ
كۆرمىسەم بولماسمىدى
بىر كۆيۈك دەردى جېنىمنى
كۈنسىرى قىلدى خاراب
گەر ئۆلۈپ كەتسەممۇ سېنى
كۆرمىسەم بولماسمىدى
سۆيمىسەم بولماسمىدى
♪