编曲 : Abdurahman imin
چاتمائۇسسۇللۇق ناخشىلار
قومۇل 12 مۇقامىدىن پارچە
ئۈنۈملىگۈچى ئەلىجان ئاقسوپا
تەرجىمان ئەزھەرجان مەھمۇد
شوتا قويدۇم شاتوتقا ئاي جېنىمەي دىلبە يارىمەي
بىز مۇساپىر بۇ يۇرتقا بالىخان شەمۇ شەدە ئوينايلى
مۇساپىرنى خار كۆرمەڭ ئاي جېنىمەي مەستان داغىمەي
قايتىپ كىتىمىز يۇرتقا بالىخان شەمۇ شەدە ئوينايلى
مۇزىكا
تاققا چىقىمىز ئەمدى قارىغاي كېسىمىز ئەمدى
ياخشى ياردىن ئايرىلىپ يالغۇز ياتىمىز ئەمدى
مۇزىكا
ئۇنداق ئەتمەڭلار مېنى بۇنداق ئەتمەڭلار مېنى ئايارەي
ئاقىۋەت لازىم بولۇرمەن تاشلىۋەتمەڭلار مېنى ۋاي دادەي
سىز ياخشى بىز ياخشى ئوينىغىلى لېۋەن ياخشى ۋاي دادەي
مۇزىكا
مەن بازارغا بارمىسام قاشىم بازارنى تارتىدۇ
چوڭ قىزىڭنى ئالمىسام كىچىك قىزىڭ قاش ئاتىدۇ
سىز ياخشى بىز ياخشى ئوينىغىلى لېۋەن ياخشى ۋاي دادەي
زەپىرەڭ خېنىم بۇغداي نېنى يوق زاغرا يەڭ خېنىم
مۇزىكا
يارىمنى كۆردۈم بالىخان مەستانە بولدۇم
خەقتىن يوشۇرسام دادەي ئاشكارە بولدۇم
يارىم كېلىپتۇ بالىخان ماڭا ئىرادە
سالغان ئوتلارى جېنىمەي ئاندىن زىيادە
مۇزىكا
ئوي ئويلايسەن ئوي ئويلايسەن نىمىلەرنى ئويلايسەن
ئىلىدىن كەلگەن بايۋەتچىدەك يانچۇغۇڭنى كولايسەن
يارىمى شاھزادە ئۆزى بازادە بېرىۋالسا كەلمەيدۇ كۆڭلى ئازادە
ئوي ئويلايسەن ئوي ئويلايسەن ئويچىمىدىڭسەن
يان باغرىدا يېتىۋاپسەن قويچىمىدىڭسەن
شولىمو شولايدۇ بالخان كاڭشاڭدا ئوينايدۇ
بېرىۋالسا كەلمەيدۇ جېنىمەي كۆڭلىنى ئوۋلايدۇ