作词 : 玉米提艾尼
作曲 : 玉米提艾尼
编曲 : 玉米提艾尼
ئايرىلدىم سەۋەبسىز سېنىڭدىن,
ئاقتى ياش توختىماي كۆزۈمدىن,
تەلمۈرۈپ سۈرىتىڭگە مەن قاراپ,
ئەجەپمۇ قىينالدى بۇ جېنىم,
چىقمايدۇ نېمىشقا ئېسىمدىن,
كەتمەيدۇ قاراشلىرىڭ كۆزۈمدىن,
قىيمايمەن ئايرىلىپ كەتمە مەندىن,
چۈنكى سېنى سۆيگەن يۈرەكتىن,
يۈرەكىم قىينىما,
قىينىما سەن ئازاپلىما,
قەلبىم بىرلا مەنسۇپ ساڭا,
تەلمۈرۈپ قاراپ يولۇڭغا,
يۈرەكىم قىينىما,
قىينىما سەن ئازاپلىما,
قەلبىم بىرلا مەنسۇپ ساڭا,
تەلمۈرۈپ قاراپ يولۇڭغا。