作词 : KutluK
作曲 : KutluK
编曲 : KutluK
ئاتام تولىمۇ جاپا تارتقان
قارماققا ئاچچىقى ياماندەك
لىكىن ناھايتى مۇلايىم ياۋاش ئادەم
كىچىمدىن ماڭا ھەم بۇۋا ھەم دادا بولۇپ كەلگەن ئادەم
يىشى 60تىن ئاشقان بولسىمۇ
يەنە تىرىشىپ تىرمىشىپ بىر ئائىلىنى بىقىپ كىتىۋاتقان ئادەم
تىنىڭىز سالامەت ئۈمرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن ئاتا
يىشىم 21دە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن
دەرىس ۋاقتىدا ئولتۇرۇپ خام خىياللار سوقۇيمەن
كەلگۈسۈم قانداق بولاس قورقمايمەن ئەمەس قوقۇيمەن
ئۈگەنگىنىم چاغلىق لىكىن شىيىر قوشاقلار توقۇيمەن
ياش ۋاقتىمدا دۇنيا مىنىڭ دادامنى ئەپ كەتكەن2
ئاشۇ ئىشلار ئۆتكەندىن كىيىن بۇۋام مىنىڭ ئاتام بولۇپ كەلگەن
كىچىكىمدىن ئاتام مىنىڭ دىگۈنۈمنى قىلىپ بەرگەن
ھىرىپ كەتتىم ئاتا دىسەم مۆرىسىگە مىنى مىندۈرگەن
ھىلىمۇ ئىسىمدە كىچىكىمدە يامغۇر كۆپ ياغاتتى
مەھەللىنىڭ يوللىرى بەكلا پاتقاق بولۇپ كىتەتتى
شۇ بىچەرە ئاتام مىنى مۆرىسىگە مىندۈرەتتى
پاراڭلاشقاچ مەن بىلەن يەسلىگە ئاپىرىپ ئىپ كىلەتتى
پەقەت ئۇنتالمايمەن ئالىي مەكتەپكە ماڭغان كۈننى
ئاتام چوپچوڭ ئەركەك تۇرۇپ كۆزىدە ياشلار لۆمۈلدەيىتتى
تۇتتى ماڭا 5000كوينى بۇنى خىراجەتكە ئىشلەت
يەتمىسە يەنە سورا بالام سىنىڭدىن باشقا نىمەم باتتى
ئاتامغا دەپ قويمىغىن
ئۇسىز شەھەردە ئىگىلگەن بىشىمنى
روسلىيالمىغان قەددىمنى
كۆزۈمدىن مەڭزىمگە ئەمەس
سۈكۈتۈمدىن يۈرۈكۈمگە تامچىلىغان يىشىمنى
يۈرەكلىرىمنىڭ مىڭ پارە بولۇپ كەتكىنىنى
چۈنكى ئۇ ئاڭلىغاندا
يۈرەكلىرىنىڭ پۇچۇلنىپ كىتىشىدىن قورقىمەن
ئاتام ماڭا دەيىتتى خان بولالمىساڭمۇ خار بولما
ئەتە ئۆگۈن خەقنىڭ ئالدىدا تۆت تەڭگىگە زار بولما
يامان كۈنلىرىڭدە ياۋلار بىلەن تەڭ تۇرالمىساڭ مەيل
ياخشى ۋاقلىرىڭدا يوقسۇللارغا كۆڭۈل كۆكسۈڭنى تار قىلما
دەيتتى سەن ئوغلۇم مۇسرەتنىڭ ماڭا يالدامىسى
داداڭ بولسا ياخشى بولاتتى يار بەمىدى سالامىتى
چىرايىڭ بەك ئوخشىدى داداڭغا ئۈمرۈڭ ئوخشىمىسۇن
ئوڭۇشلۇق بولسۇن ئىشلىرىڭ ھىچكىم توسىمىسۇن
مانا بۇ مىنىڭ ئۆتمۈشۈم مانا بۇ مىنىڭ ئاتام
ئاتام ماڭا دەيىتتى ياخشى ئوقىغىن بالام
ئاناڭ ئىككىمىز ساڭا مەڭگۈ باقىۋەندە ئەمەس
لىكىن ئاشۇ بىلىمىڭ بىلەن ماڭالايسەن چەبدەس
كەچۈر ئاتا! ئۈمۈدۈڭنى مەن ئاقلىيالمىدىم
سەن ماڭا تەربىيە قىلغاندەك ئادالەتنى مەن ياقلىيالمىدىم
دوسلۇرۇم ۋە دۈشمەن ئالدىدا غورورۇمنى ساقلىيالمىدىم
ئاشۇ ئىپلاس ئىس تۈتەكنى مۇشۇ كەمگىچە تاشلىيالمىدىم
ھىچنىم قىلىپ بىرەلمىدىم سىزگە پەقەت دىدىم رەھمەت
تىنىڭىز سالامەت بولسۇن يەتمىسۇن سىزگە زەخمەت
ئۈمۈدىڭىزنى ئاقلايمەن چوقۇم قىلىپ تۇرۇڭ سىز تاقەت
چوقۇم تىرىشىپ ھامان سىزگە كۆرسىتىمەن راھەت