作词 : GK
作曲 : Tor
编曲:Prod By 张杰峻
ھاياتلىقتا نۇرغۇن يول بار توغرىسىنى تاللاش
كەمدۇر كەم ھەم بىزلەردىكى بىر-بىرىنى قوللاش
كۈتكەن ئادىمى كەلگۈچە، يامغۇردا ھۆل بوپ ساقلاش
كۆپىنچە ھالدا راست بۇلالماي ئۆز ئۆزىنن گوللاش
سودىلاردا كاللىنى ئىشلىتىپ، پايدىلارنى قاتلاش
ئامىتى كەلمەي قىمارلاردا كاللىسىنى قاشلاش
تىرىكچىلىكتە تىرشىپ تۇرۇپ، قىيىنچىلىقتىن ئاتلاش
قارشى تۇرۇپ ناھەقچىلىككە، ئادالەتنى ياقلاش
قان-قېرىنداشنى چۆرۇپ تاشلاپ، ياقا سىقىپ مۇشتلاش
كۈندۈزلەردە قۇياش غايىپ، جاھاننى زۇلمەت قاپلاش
ئاق ئادەمنى قارا قىلىپ، بوھتانلارنى چاپلاش
بىلىمسىزلىك تاغدەك بېسىپ، مەرىپەتنى تاشلاش
كىچىك كۇلۇبتا ئالداپ قىزلارنى ياتاقلارغا باشلاش
بىكار يېتىپ ئاپتاپلارغا دۈمبىسىنى قاقلاش
يېلىنىپ زارلىنىپ تۇرمۇشلاردىن ئۆز ئۆزىنى ئاقلاش
ئورا كولاپ قەدەملەرگە، قاپقانغا چۈشكەننى باپلاش
ئازار بېرىپ كۆڭۆللەرگە، قەلىبلەرنى داغلاش
بار ۋاقتىدا قەدرى يوق، ئۇ ئالەمگە يوللاش
ھازىر جاھان شۇنداق تۇرسا، پايدىسى بولسا ئارلاش
جەمئىيەت گۇيا مۇسابىقە، مېيىڭ تۈگسە شاللاش
كاللا تۇتۇپ ھەسرەتلەردە تامغا قاراپ يىغلاش
ئىدىيە قالاق كونىلىقتا روھىيەتنى مىخلاش
ئالغا بېسىپ يۈگۈرگەننى كەينىچىلاپ پۇتلاش
كەينىلەردىن گەپلەرنى تېپىپ، ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاش
باش كۆتۈرۈپ چىققانلارنى تۆرەلمىشىدە جايلاش
ئىككى تۆت تال رەپلەر ئېيتىپ ئۆزىنى تۆرە سايلاش
ئەركىن نەپەس ئالغاننى كۆرەلمەي ئېتىپ ئوۋلاش
بولساڭ ئەقىل ئىگىسى گىپىمنىڭ تېگنى ئويلاش
يىلتىز تارتىپ ئەجداد ئىزى ئۇلۇغلارنى يادلاش
تۇر تارقىتىپ ئەتراپلارغا قۇياش كەبى پارلاش
مىيىپ، كىسەل، ئاجىزلارنى ئۇنتۇپ قالماى يۇقلاش
دىلى سۇنۇق كۆڭۆللەرنى بىر-بىرىگە ئۇلاش
كۈنلەر ئېغىر تۇختاپ كەتسە، تىرناقتىكى كىرنى تاتلاش
رەڭسىز تۇرمۇشقا رەڭلەر قېتىپ بەدىئىيلىكتە سىرلاش
يۇتقانغا قاراپ پۇتلار سۇنماي مودىلارنى قۇغلاش
تاشلىنىپ قېلىپ ئۆرپ-ئادەت كۈندىن-كۈنگە داتلاش
ۋىجدانلىرى ئىتقا غىزا، ئاتا-ئاننى خارلاش
ئۇزاتمايلا ئۇ ئالەمگە پاك-پاكىزلا بۇلاش
ياقا سىقىپ ئۇرۇق تۇققان مىراسلارنى تالاش
تۇترۇق قىلىپ قانداشلىقنى ئۇچاقلارغا قالاش
رىئال رەپچى تىكىستتە سۆكۈپ ياندىكى ياخشى ياماننى
ئاڭلاپ بۇلۇپ بىر كۇچىدىكلەر ئايرىيدۇ پاخال ساماننى
غەيۋەتلەردىن بىنا قۇپۇرۇپ كۆچۆپ كىرىپ ئىچىگە
قوڭدا ھارماي گېزىت بېسىپ كۈندۇز ئۇلاپ كېچىگە
ئويلاپ كۆڭلۈم، كۆڭلۈم يىرىم تۇزۇلۇپ كىتەر بۇ ئىشلار
ئىللىق باھار ھەيدەپ سوقتى چىقىپ كىتەر بۇ ئىشلار
ئىچىمگە توشقان لىق گەپلەرنى مىسرالارغا بۇلىۋەتتىم
ئۆزگەرمىگەن جەمئىيەتكە قاراپ ئىچىمدە ئاچچىق كۈلىۋەتتىم
ئەركەك بول دەپ ھەققىي يۈرىكىممۇ تىپىرلىدى
ياساپ چىقسام تۇرمۇشۇم بەدىئىي رەڭدارلىققا تولسا
ئۈمىد قىلدىغىنىم ئانام يېقىنلىرىم ساق-سالامەت بولسا