作词 : AMax
作曲 : AMax
编曲 : AMax
بويۇڭدا ئاق لېباس ياراشقان
قولۇڭدا تىللا ئۈزۈك قاماشقان
ھۆر پەرىدەك رۇخسارىڭغا قاراپ
ئەس ھوشۇمدىن ئاداشقان مەن
نەقەدەر گۈزەل دەقىقىلەر
بۇ ۋىسال تاپقان ئەقىدىلەر
چىن سۆيگۈمىزگە شاھىت بولۇپ
ھەممە بىزگە بەخىت تىلەر
سەن كۆڭلۈمدىكى يار
ۋەسلىڭگە مەن خۇشتار
بۇ سۆيگۈم ساڭا ئىزھار
ئەي گۈزەل دىلدار
ھايات يولى بەكمۇ تار
لېكىن يىغلىما زىنھار
ئەمدى يېنىڭدا مەن بار
پەقەت سېنى سۆيۈپ
سېنىلا سۆيۈپ
ئۆتسەم بىر ئۆمۈر
پىراقىڭدا كۆيۈپ
ئىشقىڭدا كۆيۈپ
ئۆتسەم بىر ئۆمۈر
سېنى مەن ئۈچۈن
ھەم مېنى سەن ئۈچۈن
ياراتقان بىر جۈپ قىلىپ
تىلەكلەرگە يەتتۇق بىز بۈگۈن
قەلبىمىزدە بولسا ساداقەت
بەخىت كېلەر بولسا قانائەت
كۈتمەيمەن ھېچ راھەت پاراغەت
سەنلا بولساڭ يېنىمدا ئەبەد
يېنىمدا بولساڭ سەن يېنىمدا
قوشۇلار جان جېنىمغا
مېنىڭلا بولغىن سەن مېنىڭلا
سۆيىمەن بىر سېنىلا
پەقەت سېنى سۆيۈپ
سېنىلا سۆيۈپ
ئۆتسەم بىر ئۆمۈر
پىراقىڭدا كۆيۈپ
ئىشقىڭدا كۆيۈپ
ئۆتسەم بىر ئۆمۈر