ئىككى ياشقا قاراڭلار
كېلىڭ دوستلار ئويناڭلار
ئىككى ياشقا قاراڭلار
دىللار كۈلۈپ ئېچىلسۇن
توي ناخشىسى ئېيتىلسۇن
توي ناخشىسى ئېيتىلسۇن
ئىككى يۇلتۇز ئىككى ياش
بىرتەكىيگە قويدى باش
بىرتەكىيگە قويدى باش
مەڭگۈ بىللە بولۇڭلار
قۇتلۇق بولسۇن تويۇڭلار
مەڭگۈ بىللە بولۇڭلار
ياشلىقنىڭ سازىنى چېلىڭلار
ئېچىلغان كۈنۈڭلار مۇبارەك
ھاياتتا بىر بولۇپ قېلىڭلار
خۇشاللىق كۈنۈڭلار مۇبارەك
ئوت بولۇپ يانىدۇ يۈرەكلەر
قوشۇلغان كۈنۈڭلار مۇبارەك
ئېيتىلسۇن سىلەر ئۈچۈن تىلەكلەر
قېنى چۈشۈڭ ئۇسۇلغا
باشلاپ بېرىڭ قۇدىلار
قېنى چۈشۈڭ ئۇسۇلغا
باشلاپ بېرىڭ قۇدىلار
مۇبارەكلەپ بۇ توينى
بىزدىن بولسۇن سوۋغىلار
مۇبارەكلەپ بۇ توينى
بىزدىن بولسۇن سوۋغىلار
مۇبارەك تويۇڭلار مۇبارەك
ياشلىقنىڭ سازىنى چېلىڭلار
ئېچىلغان كۈنۈڭلار مۇبارەك
ھاياتتا بىر بولۇپ قېلىڭلار
خۇشاللىق كۈنۈڭلار مۇبارەك
ئوت بولۇپ يانىدۇ يۈرەكلەر
قوشۇلغان كۈنۈڭلار مۇبارەك
ئېيتىلسۇن سىلەر ئۈچۈن تىلەكلەر
توينامە
يارىيار
توينامە
ئىككى ياشنىڭ شەنىگە
ياڭرىماقتا كۈينامە
ئىككى ياشنىڭ شەنىگە
ياڭرىماقتا كۈينامە
بەخىت تىلەپ نۇر تىلەپ
ئېيتىلماقتا توينامە
ئېيتىلماقتا توينامە
مۇبارەك تويۇڭلار مۇبارەك
ياشلىقنىڭ سازىنى چېلىڭلار
ئېچىلغان كۈنۈڭلار مۇبارەك
ھاياتتا بىر بولۇپ قېلىڭلار
خۇشاللىق كۈنۈڭلار مۇبارەك
ئوت بولۇپ يانىدۇ يۈرەكلەر
قوشۇلغان كۈنۈڭلار مۇبارەك
ئېيتىلسۇن سىلەر ئۈچۈن تىلەكلەر
مۇبارەك تويۇڭلار مۇبارەك
ياشلىقنىڭ سازىنى چېلىڭلار
ئېچىلغان كۈنۈڭلار مۇبارەك
ھاياتتا بىر بولۇپ قېلىڭلار
خۇشاللىق كۈنۈڭلار مۇبارەك
ئوت بولۇپ يانىدۇ يۈرەكلەر
قوشۇلغان كۈنۈڭلار مۇبارەك
ئېيتىلسۇن سىلەر ئۈچۈن تىلەكلەر
ئېيتىلسۇن سىلەر ئۈچۈن تىلەكلەر
ئېيتىلسۇن سىلەر ئۈچۈن تىلەكلەر
ئېيتىلسۇن سىلەر ئۈچۈن تىلەكلەر(يارىيار توينامە )