作词 : Ababekri
作曲 : Ababekri
زىمىستادىكى سۆيگۈ
سۆزى مۇزىكىسى ئىبراھىم قۇربان
ئاكورتلاشتۇرغۇچى ئادىل تۆرەم
يازدا ياغقان يامغۇرمۇ قارمۇ
قار ئاستىدا قالغان باھارمۇ
يازدا ياغقان يامغۇرمۇ قارمۇ
قار ئاستىدا قالغان باھارمۇ
سەنسىز دۇنيا شۇنچىلىك تارمۇ
يەنە يىغلار بولدى يۈرەك
سەنسىز دۇنيا شۇنچىلىك تارمۇ
يەنە يىغلار بولدى بۇ يۈرەك
بۇ سۆيگۈ ئوتلىرى شۇنداق ئۆچتىمۇ
سۆيگۈنۈم مەندىن كەچتىمۇ
بۇ سۆيگۈ ئوتلىرى شۇنداق ئۆچتىمۇ
سۆيگۈنۈم مەندىن كەچتىمۇ
بۇ دۇنيادا ۋاپامۇ بارمۇ
ئارمانلارغا تولدى يۈرەك
بۇ دۇنيادا ۋاپامۇ بارمۇ
ئارمانلاردا يىغلايدۇ يۈرەك
بۇ يۇرتلاردا نېمەم بار ئەمدى
سەھرالارگە كېتەيمۇ ئەمدى
بۇ شەھەردە نېمەم بار ئەمدى
سەھرايىمغا كېتەيمۇ ئەمدى
يارنى ئويلاپ يۈرەيمۇ ئەمدى
داستانلارغا تولدى يۈرەك
يارنى ئويلاپ يۈرەيمۇ ئەمدى
ناخشىلارغا تولدى بۇ يۈرەك
بۇ سۆيگۈ ئوتلىرى شۇنداق ئۆچتىمۇ
سۆيگۈنۈم مەندىن كەچتىمۇ
بۇ سۆيگۈ ئوتلىرى شۇنداق ئۆچتىمۇ
سۆيگۈنۈم مەندىن كەچتىمۇ
بۇ دۇنيادا ۋاپامۇ بارمۇ
ئارمانلارغا تولدى يۈرەك
بۇ دۇنيادا ۋاپامۇ بارمۇ
ئارمانلاردا يىغلايدۇ يۈرەك