作词 : Rangsiz/GalipWulam
بۇ سوغۇقتىن قاچان يانار چىراغ
زىمىستان قۇياش چىقىشتىن يىراق
نەپىسىم بار لېكىن سايەم يوق بىراق
ھاياتىمدا يوق ، ھېچبىر خوش پۇراق
ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ سېنىڭ ھالىڭنى
ئاڭلاشمۇ خوشياقمايدۇ ئېيتقان ھەربىر زارىڭنى
سېنىڭكى توغرا بولسىمۇ ، ئۇلار ئالدىدا خاتا بولىدۇ
يولۇققاندا ئۆزۈڭ بىلىسەن قىلغانلىرىڭ بىكار بولىدۇ
يۈرۈكۈم پارە پارە تاپالمايسەن ، ھېچ بىر چارە
كىملەردىن ئۆتۈنسەڭ ، كىملەر ئالدىدا بولىسەن زارە
سەن سۆيگەن سېنى سۆيگەنلەر مېنى تاشلاپ كېتىدۇ
چىراغ نۇرى قالىدۇ ، قۇياشنىڭ نۇرى يۇتىدۇ
نەچچە قېتىم يېڭىلدىڭ ، سەن نەچچە قېتىم يىقىلىپ
نەچچە قېتىم چىداپ تۇرۇپ ، رېئاللىققا ئېتىلىپ
يات شەھەردە نەچچە قېتىم ئۆيۈڭنى سەن سېغىنىپ
نەچچە قېتىم قاراپ قالدىڭ ، ئادەملەردىن ئېچىىنىپ
بىلسەڭ تۇرمۇش دېگەن مۇشۇ
ئۆزى بېرىپ ئۆزى ئېلىپ كېتىدۇ
كىملەر مۇرادىغا يېتىدۇ
تۇرمۇش دېگەن مۇش
كىملەر دەردىڭگە يېتىدۇ
كىملەر سېنى سۆيىدۇ ، كىملەر سېنى تاشلاپ كېتىدۇ
بۇ سوغۇقتىن قاچان يانار چىراغ
زىمىستان قۇياش چىقىشتىن يىراق
نەپىسىم بار لېكىن سايەم يوق بىراق
ھاياتىمدا يوق ، ھېچبىر خوش پۇراق
جاۋابىم يوق ، جاۋابىم يوق ، جاۋابىم يوق
بۇ سوغۇقتىن قاچان يانار چىراغ
زىمىستان قۇياش چىقىشتىن يىراق
نەپىسىم بار لېكىن سايەم يوق بىراق
ھاياتىمدا يوق ، ھېچبىر خوش پۇراق