作词 : Rayhangul
作曲 : Kaysar-Tursun
编曲 : Miradiljan-Bawudun
ۋاپاسىزنىڭ ساختا ئوتىدا
يېتەر ئەمدى كۆيمە يۈرۈكۈم
يوق ئىكەنسەن ئۇنىڭ ئويىدا
كەتتى يىراق كۈتمە يۈرۈكۈم
ئۇ سۆيگۈمنى ئويۇن چاغلىدى
نالەڭگە ھېچ قۇلاق سالمىدى
ئىيت ئۇنىڭدا قەرزىڭ بارمىدى
ئۇنداق يارغا كۆيمە يۈرۈكۈم
موزىكا
سەن ئەتىۋا بىلسەڭ جېنىڭدىن
ئەزىز بىلدى ياتنى سېنىڭدىن
يەنە شاتلىق تاپتى غېمىڭدىن
ئۇنداق يارغا كۆيمە يۈرۈكۈم
موزىكا
شۇنچە قىلساڭ ھەممىنى
سۆيمىدى ئۇ ھەم سېنى
ھامان قەدىرىڭ ئۈتۈلەر بىر كۈنى
بىۋاپانى سۆيمە يۈرۈكۈم
ھامان بىر كۈن قەدىرىڭ ئۈتۈلەر
بىۋاپانى سۆيمە يۈرۈكۈم
呗科日Music