作词 : Amarjan Tursun (Kadtik)
作曲 : Yultuz Talip
钢琴编曲:Muzaffer Ahmet
演唱:Muzaffer Ahmet
ئەنقا كەبى لەيلەر ھاۋادا
قاراڭ دوستۇم مېنىڭ لەگلىكىم
مېنىڭمۇ ھەم كۆكتە سامادا
لەگلەك كەبى باردۇر لەيلىگىم
غەمسىز ئىدىم ئازاپسىز ئىدىم
ئۇيقۇ بىلەن ياتقان بوۋاقتەك
كەتتى ياشلىق قالدى بەڭباشلىق
لەگلەك بىلەن ئۇچالماي قۇشتەك
يۈرەكىمدە بىر ئارمان بار
لەگلەك كەبى ئۇچسام لەپىلدەپ
چىقسا شۇئان مەيىن شاماللار
لەگلىكىمنى تۇرىمەن ئەسلەپ
يۈرەكىمدە بىر ئارمان بار
لەگلەك كەبى ئۇچسام لەپىلدەپ
چىقسا شۇئان مەيىن شاماللار
لەگلىكىمنى تۇرىمەن ئەسلەپ
Music
يىللار ئۆتۈپ ئەسلىدىم بۈگۈن
قۇمۇش لەگلەك ئۇچۇرغان جاينى
ئەپسۇس ھايات كەلمەيدۇ قايتا
يېپىپ بولماس كۆكتىكى ئاينى
لەگلەك سېلىپ ئوينىسام غەمسىز
كەچ كىرگەننى قالاتتىم ئۇنتۇپ
دوسلار بىلەن سېلىشىپ چۇقان
كېتەتتىم مەن شاتلىققا تولۇپ
يۈرەكىمدە بىر ئارمان بار
لەگلەك كەبى ئۇچسام لەپىلدەپ
چىقسا شۇئان مەيىن شاماللار
لەگلىكىمنى تۇرىمەن ئەسلەپ
يۈرەكىمدە بىر ئارمان بار
لەگلەك كەبى ئۇچسام لەپىلدەپ
چىقسا شۇئان مەيىن شاماللار
لەگلىكىمنى تۇرىمەن ئەسلەپ
يۈرەكىمدە بىر ئارمان بار
لەگلەك كەبى ئۇچسام لەپىلدەپ
چىقسا شۇئان مەيىن شاماللار
لەگلىكىمنى تۇرىمەن ئەسلەپ