作词 : 外力WaaLi
作曲 : 外力WaaLi
后期:MSF
封面:MSF
录音:YUD Studio
HOOK:
جاھاندا ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان .
ھېچكىم يېتەلمەس ئۇنىڭغا چۈنكى ئۇ مېنىڭ دادام .
ئەڭ گۈزەل مىنۇتلار قۇچىقىدا
ئارقا تۈرۈك نەگە بارسام ھەمراھ دادام
دادا سۆزۈمنى تىڭشاۋاتامسەن .
ئۆيدە نالە پەرياد ئاڭلاۋاتامسەن .
يەنە ئىشلەپ تېشىدا قاتىراۋاتامسەن .
مەكتەپ ئالدىدا مېنى ساقلاۋاتامسەن .
سەھەر تۇرۇپ بىر كۈنلۈك ئىشىڭنى باشلىدىڭ .
ئۆي ئۈچۈن دوست بۇرادەرنىمۇ تاشلىدىڭ .
دائىم دەيتىڭ ئۆتۈپ كەتتى ياشلىقىم .
زەن سالماپتىمەن ئاقىرىپتۇ چاچلىرىڭ .
كۈلۈپ كېتەتتىم مېنى قۇچىقىڭنى ئېلىپ ئەركىلەتسەڭ .
پەخرىم دەپ مېنى مۆرەڭگە ئېلىپ ئولتۇرغۇزساڭ .
كىچىك ئەمەس دەپ ماڭا نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆگەتكەن ئىدىڭ .
ئەركەك جاھاننى مۈرىسىگە ئالىدۇ دەپ سۆزلىگەنتىڭ .
كىچىك ئىدىم كىچىكلىكتە قەدرىڭنى قىلماپتىمەن .
سۆيسەڭ يۈزۈمگە سېنى قايتۇرۇپ بىرنى سۆيمەپتىمەن
دادا مېھرى نەقەدەر ئۇلۇغ شۇ چاغدا بىلمەپتىمەن . چوڭ بولۇپ ھېس قىلىپ مۇھەببىتىڭنى دادا ئۆكسۈپ يىغلاپتىمەن .
دادا ، ئەنسىرىمە ئەمدى مەنمۇ چوڭ بولدۇم .
ئەمدى ئوخشاتما ئۆزۈڭنى سەن ئەمەس سايدىكى يۇلغۇن .
دۇنيا مەن كەتسەم كەتتىم دادامنى مەندىن كەتكۈزىمەن بۇرۇن .
دادام ئۇلۇغ ، ئۇ ئەگەردە يوق بولسا دۇنياغا بولۇر زۇلۇم .
تۇمان باسقان شەھەر كېتىپ بارىمەن ئارقىمدا دادام يوق .
ئەگەر دادام بولسا مەنمۇ ماڭاتتىم كۆڭلۈم توق .
سەن يوق يېنىمدا بۇ شەھەر ناھايىتى سوغۇق .
بوغۇق ئاۋازىمدا ئۈنلۈك توۋلىۋەتتىم دادا يېنىمدا بول !
جاھاندا ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان .
ھېچكىم يېتەلمەس ئۇنىڭغا چۈنكى ئۇ مېنىڭ دادام .
ئەڭ گۈزەل مىنۇتلار قۇچىقىدا
ئارقا تۈرۈك نەگە بارسام ھەمراھ دادام
x2