编曲 : 阿卜杜KYM
作词 : 阿卜杜KYM
作曲 : 阿卜杜KYM
ياشلىرىڭنى سۈرىتمىگىن بولدى
يوشۇرمىغىن ئازابىڭنى ھەم
ئاشكارلايدۇ ئويچان كۆزلۈرۈڭ
چاندۇرماستىن يۈرسەڭمۇ ھەردەم
كۆپ ياغقىن يامغۇرۇم
شارىلداپ يامغۇرۇم
ياشقا تولسۇن ئالبۇمۇم
ئۆتۈنەي يامغۇرۇم
ياغقىن مەڭگۈ توختىماي
كۆزلەرىمنى ياشلىما
كۆزئالدىمدا ئۈمۈدسىز يوللار
ئەسلىمەمسەن يامغۇرۇم
ئازاپلىرىڭ ئاياندۇر ماڭا
پىنھانىڭغا يۇشۇرغانسىرى
كۈلەلمەيسەن ئېچىلىپ بىر رەت
خۇشاللىقتىن مەھرۇمدۇر قەلبىڭ
كۆپ ياغقىن يامغۇرۇم
شارىلداپ يامغۇرۇم
ياشقا تولسۇن ئالبۇمۇم
ئۆتۈنەي يامغۇرۇم
ياغقىن مەڭگۈ توختىماي
كۆزلەرىمنى ياشلىما
كۆز ئالدىمدا ئۈمۈدسىز يوللار
ئەسلىمەمسەن يامغۇرۇم
يامغۇرۇم