作词 : 阳光男孩穆
作曲 : 阳光男孩穆
编曲 : 阳光男孩穆
سىغىنىشتا باغرىمغا بىسىپ
يۈردۈم يايرىم ناخشا ياڭرىتىپ
شادلىنارمۇ سەندىكى يۈرەك
ئاشىغىڭنى بۇنچە زارلىتىپ
بىلگىن نىگار كۈڭۈل سىرىمنى
ساڭا كۈيۈپ يۈرگەنلىرىمنى
مىھرىڭ بىلەن بەرگىن تەسەللى
تاشلاپ يالغان كۈلۈشلىرىڭنى
ئوتلىرىڭدا كۈيەر مىسكىن بۇ يۈرەك
ئامالىم يوق مىنىڭ كۈيۈشتىن بۈلەك
چىدىمايمەن سەنسىز ياشاشقا
چىدىسىمۇ سەندىكى يۈرەك
♬♬♬♬♬
نۇر چاچمايدۇ كۈكتە يۇلتۇزۇم
سەن بولمىغاچ قاشى قۇندۇزۇم
لەۋلىرىڭدە شەربەت بەر ماڭا
دىل تارىمنى چەككەن يالغۇزۇم
كىرپىكىمنى باسسىمۇ شەبنەم
ماڭا شادلىق بىغىشلا ھەردەم
نازىڭ بىلەن قىينىما مېنى
ماڭا قايتا بەرمىگىن ئەلەم
ئوتلىرىڭدا كۈيەر مىسكىن بۇ يۈرەك
ئامالىم يوق مىنىڭ كۈيۈشتىن بۈلەك
چىدىمايمەن سەنسىز ياشاشقا
چىدىسىمۇ سەندىكى يۈرەك
♬♬♬♬♬
ئوتلىرىڭدا كۈيەر مىسكىن بۇ يۈرەك
ئامالىم يوق مىنىڭ كۈيۈشتىن بۈلەك
چىدىمايمەن سەنسىز ياشاشقا
چىدىسىمۇ سەندىكى يۈرەك
چىدىمايمەن سەنسىز ياشاشقا
چىدىسىمۇ سەندىكى يۈرەك