作词 : Ablikim Shirzat
作曲 : Mamtimin Mamut
ئاشىق
شىۋىرغانلىق كەچكۈز ئاخشىمى
ئويغانماقتا دىلدا ھاياجان
ئازابلايدۇ مەۋجۇتلۇقۇمنى
ئارام بەرمەي دىلدىكى ئارمان
ئازابلايدۇ مەۋجۇتلۇقۇمنى
ئارام بەرمەي دىلدىكى ئارمان
سىڭمەكتىمەن تۈننىڭ قوينىغا
شۇنچە مۇڭلۇق غەمكىن قەدەمدە
سىڭمەكتىمەن تۈننىڭ قوينىغا
شۇنچە مۇڭلۇق غەمكىن قەدەمدە
مەن چىدايمەن ئاخىرقى بىر رەت
ئۆرتەنسىمۇ قەلبىم ئەلەمدە
مەن چىدايمەن ئاخىرقى بىر رەت
ئۆرتەنسىمۇ قەلبىم ئەلەمدە
♪ ♪ ♪
ۋاز كەچمىدىم ھاياتتىن ئەسلا
تۆكۈلسىمۇ كۆز يېشىم تەكرار
ياشاش ئۈچۈن بەخت ئىچىدە
مەن كۆڭلۈمنى قىلمىدىم ئىزھار
ياشاش ئۈچۈن بەخت ئىچىدە
مەن كۆڭلۈمنى قىلمىدىم ئىزھار
كەچمىشىمنى ئوۋلىغان ئوۋچى
ئىزلىرىمنى كۆممەكتە بۇ دەم
كەچمىشىمنى ئوۋلىغان ئوۋچى
ئىزلىرىمنى كۆممەكتە بۇ دەم
چىدايدىكەن ھەممىگە ئاشىق
كۆيدۈرسىمۇ باغرىنى ئەلەم
چىدايدىكەن ھەممىگە ئاشىق
كۆيدۈرسىمۇ باغرىنى ئەلەم
——
「歌词,翻译:阿不都拉翻译组」
ئابدۇللا ئانسامبىلى
『阿不都拉工作室』出品