作词 : mamatjan-polat(小提)
作曲 : mamatjan-polat(小提)
باراتتىم مەن باراتتىم مەن باراتتىم
سەن ئۈچۈن مەن تاغۇ دەريا باراتتىم
قايغۇ ھەسرەت كۆز يشڭنى ئىقىتپ
ئېرىقىڭدا سۇلار بولۇپ ئاقاتتم
گۈل چىچەكلىك مەرىپەت بېغى بولساڭ
ئۇچۇپ بېرىپ گۈللەرېڭگە قوناتتم
تارام يامغۇر تۆكسە چىچەك ياپراقېڭ
قۇياش بولۇپ ئىللىق نۇرۇم چاچاتتىم
زەينەپ بولۇپ قالساڭ يالغۇز دەرەختە
كاككۇك بولۇپ تەڭشەشكە مەن باراتتىم
ئىزىپ قالساڭ قاپقاراڭغۇ تۈنلەردە
ئەڭ پارقىراق يۇلتۇز بولۇپ ياناتتم
ئارزۇ ئۈچۈن سۇسىز قالساڭ چۆللەردە
كەپتەر بولۇپ سۈزۈك ئېلىپ باراتتىم
باسالمىساڭ ئېغىر قسمەتتە قەدەم
تىكەن دەسسەپ سەن ئۈچۈن يول ئاچاتتىم