作曲 : Abdukerim Abliz
ئىنتىزار
…
تېكىستى: تۇرسۇنبەگ ياسىن
مۇزىكىسى: ئابدۇكېرەم ئابلىز
تېكىست كىرگۈزگۈچى: غالىپجان غوپۇر
…
كەلگىنى كەتكەن نىگارىم
كەلگىن دېگەندە كەلمىدى
ۋىسالدىن دىلغا ئارام
بەرگىن دېگەندە كەلمىدى
ۋىسالدىن دىلغا ئارام
بەرگىن دېگەندە كەلمىدى
♬
كۆپ يىلىم ئۆتتى كۈتۈشتىن
يۈرۈگۈم ئۆرتەندى بەك
يۈرۈكۈم سېغىنىش پىغان
چەككەندە يارىم كەلمىدى
يۈرۈكۈم سېغىنىش پىغان
چەككەندە يارىم كەلمىدى
♬
ئۆتتى كۈن ئاي ھەپتىلەپ
پەسىللەر يىللار قوغلىشىپ
ھەر كۈنى سەۋدا يېشىم
ئاققاندا يارىم كەلمىدى
ھەر كۈنى سەۋدا يېشىم
ئاققاندا يارىم كەلمىدى
♬
بۇ ھايات قانداق ئۆتەركىن
بىلمىدىم سەنسىز گۈلۈم
گۈللىرىم باغدا پورەكلەپ
كۈتكەندە يارىم كەلمىدى
گۈللىرىم باغدا پورەكلەپ
كۈتكەندە يارىم كەلمىدى
مىڭ جېنىم ئالساڭ بېرەتتىم
بىر سېنىڭ ئىشقىڭ ئۈچۈن
جېنىمدىن ئەزىز كۈرۈپ
كۈتكەندە يارىم كەلمىدى
جېنىمدىن ئەزىز كۈرۈپ
كۈتكەندە يارىم كەلمىدى
ئىنتىزار قىپ كەلمىدى
…