作词 : Rizaydin Seyitov/Kamunar Tursunov
作曲 : Rizaydin Seyitov/Kamunar Tursunov
بۈگۈن شاتلىق بۈگۈن توي ئائىلىمىزدە
نەغمە ناۋا ياڭراتتۇق بىز ئۆيۈمىزدە
قىرىنداشلار قاتارىدىن تولدۇرۇپ بۈگۈن
يەنە گۈزەل بىر ئىنسان قوشۇلدى بىزگە
مۇبارەك تويۇڭ كۆيۈمچان ئۇكام
ۋاپادار ئىسىل قەدىردان ئوغلان
ئالى تاغدەك تىلەكلەر بىزنىڭ يۈرەكتە
سىنىڭ ئورنۇڭ بىز ئۈچۈن دائىم بۆلەكچە
ساڭا سادىق يار بولسۇن تاللىغان گۈلۈڭ
ئالتۇن ئۇكام شاتلىقتا ئۆتسۇن ئۆمرۈڭ
يىگىتلەرنىڭ سۇلتانى سۇمباتلىق ئاكام
بىزگە دائىم يۆلەنچى ۋجدانلىق ئاكام
مەلىكەڭمۇ يارىشىپ تۇرۇپتۇ ياندا
بىزگە بولسۇن ھەدىمىز بىرجان قىرىنداش
مۇبارەك تويۇڭ كۆيۈمچان ئاكام
ۋاپادار ئىسىل قەدىردان ئوغلان
ئالى تاغدەك تىلەكلەر بىزنىڭ يۈرەكتە
سىنىڭ ئورنۇڭ بىز ئۈچۈن دائىم بۆلەكچە
ساڭا سادىق يار بولسۇن تاللىغان گۈلۈڭ
ئالتۇن ئاكا شاتلىقتا ئۆتسۇن ئۆمرۈڭ
ئالى تاغدەك تىلەكلەر بىزنىڭ يۈرەكتە
سىنىڭ ئورنۇڭ بىز ئۈچۈن دائىم بۆلەكچە
ساڭا سادىق يار بولسۇن تاللىغان گۈلۈڭ
قىرىندىشىم شاتلىقتا ئۆتسۇن ئۆمرۈڭ
ئالتۇن ئۇكام شاتلىقتا ئۆتسۇن ئۆمرۈڭ