作词 : X-NJ/WEKIL
作曲 : X-NJ
HOOK:1
سەندىكى رېئال بۇ خىيال بىلەن يېزىلغان،
مەندىكى پاكىت مۆھۆر بولۇپ ئويۇلغان.
راست دەيسەن بۇرادەر نەق گەپنى سۆزلىدىڭ،
باشقىسى ئەمەس بەلكىم ئەتراپىمنى سۆزلىدىم .
سەندىكى سۆزلۈك ئىجادىي بىر تەپەككۇر،
بىز ئىنتىلغان مەنزىل ھەقىقىي بىر تەۋەككۈل.
كۇنۇپكا تاختا پالۋانلىرى رېئال HIPHOP يالغانلىرى،
ھەممىسىنى يىغىپ كەلسەك ئارقىمىزدا قالغانلىرى،
سەندىكى رېئال بۇ خىيال بىلەن يېزىلغان.
مەندىكى پاكىت مۆھۆر بولۇپ قويۇلغان،
راست دەيسەن بۇرادەر نەق گەپنى سۆزلىدىڭ .
باشقىسى ئەمەس بەلكىم ئەتراپىمنى سۆزلىدىم .
VERSE:1
X-NJ
زۇۋانىڭدىن چىققىنىنى گەپ گەپ دەپ،
بىزمۇ بىلىمىز ھەممىسى سەپسەتتەڭ.
بىزگە قىلىپ تۆھمەت يالغان بىلەن ئاۋارە،
مىكروفوننى ساڭا بەرسەم تۆت كەلىمە قاۋارە.
باشقىلارغا پىشكە بولغان ھاياتىڭنى بىزگە داڭلاپ،
يۈرىۋەر كېتىۋەر خەقنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ.
بىزدىكى بۇ سەمىمىيەت ئۆزگۈرۈپمۇ باقمىغان،
شۇڭا بەزى رەپچىلەرگە بىز ئەزەلدىن ياخمىغان.
XJ ھەيۋە كۆپ .قابىليىتى ئەسلا نۆل
بوپ قالمىدى XJ رەپ قۇرۇپ كەتكەن قۇرۇق كۆل،
پاكىتىمىز باسالايدۇ ئاساسى يوق گىپىڭنى،
ئۆچۈرىۋەتكەن تېكىستىڭدىن رېئال دېگەن خېتىڭنى.
سەۋىيەرىمىز ئەمەس بەلكى ئىشتىياقنىڭ پەرقى بار،
ھەقىقەت ئۇ قۇياش نۇرى ھۆكۈمراننىڭ سايىسى .بار.
ئويۇنلۇرۇڭ قويۇن بولغان بۇ مەيداندا كىم تۇرغان،
رېئال دېگەن تېكىستلىرىڭ ئەمەلىيەت بىلەن ماسلاشمىغان.
ھۇجۇم قىلسا سىرتلان توسايدۇ قاپلان،
رىقابەتنى قوبۇل قىل تۇر ئورنۇڭدىن ئاتلان.
چىقالمىساڭ رۇبۇرۇ بىر بۇلۇڭدا قاتلان،
باھا بېرىپ خەقكە تۆت كوچىدا شادلان.
لوگىكاڭنى چۈشەنمەيمىز سېنىڭ تەتۇر خىيالىڭنى،
تېكىسڭغا قېتىۋالغان ئوپچە يالغان رېئالىڭنى.
قىزىل بولاق تىلەپ مەندىن يانچۇق لىرىڭ تومما،
ئەنسىرمە بىز ئەمەس باشقۇرۇلىدىغان بومبا.
مەن ھەقىقى رەپچىدەپ ئۆز ئۆزۆڭنى سۆزلەپ،
ھەمىليەتتە ھەممىڭ نام ئاتاقنى كۆزلەپ.
پۇل تاپىسەن يۈزلەپ ئاغزىڭ دىكى پولىرىڭ،
چىنىپ بولغان ئالدىمىزدا يالغان باسقان خو لىرىڭ.
بىز پاكىت ئۆزىمىزنىڭ ھىكايسى،
بىز پاكىت ئۆزىمىزنىڭ ئىرادىسى.
بىز پاكىت ئاددى كوچا شائىر لىرى.
بىز پاكىت قەلىپ سۆزلۆك ماھىر لىرى.
HOOK:2
سەندىكى رېئال بۇ خىيال بىلەن يېزىلغان،
مەندىكى پاكىت مۆھۆر بولۇپ ئويۇلغان.
راست دەيسەن بۇرادەر نەق گەپنى سۆزلىدىڭ،
باشقىسى ئەمەس بەلكىم ئەتراپىمنى سۆزلىدىم .
سەندىكى سۆزلۈك ئىجادىي بىر تەپەككۇر،
بىز ئىنتىلغان مەنزىل ھەقىقىي بىر تەۋەككۈل.
كۇنۇپكا تاختا پالۋانلىرى رېئال HIPHOP يالغانلىرى،
ھەممىسىنى يىغىپ كەلسەك ئارقىمىزدا قالغانلىرى،
VERSE:2
YOUNG-WEKIL
XJ رەپتە ۋاراڭ ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلغان بالىلار .
بىر ناخشىنى تۇز ئېيتالماي قابىلىيىتى چالىلار.
قىزىقمايمەن گەپلىرىڭگە سۆلىلىتى بار سەپلىرىڭگە،
يېزىۋالدىڭ ساختىلىقنى رېئال دەپ دەپتىرىڭگە.
سان ساناقسىز كېچىدە تىرىشىۋاتىدۇ قانچىسى،
قانچىلىك ht بوينىدا ئوجى تۇمار بەلگىسى.
چۈشىنىۋالدىڭ تېكىستلىرىمنى peace نى DISS،
كەپ باقامدۇق بۇ مەيدانغا face to face،
ھەممىڭلدە پەقەت بىرلا مەقسەت ئۆز ئۆزۈڭنى داڭلاش .
تۇغۇلۇپلام رەپ ئېيتمىدىڭ ھەممىڭ ياخشى ئاڭلاش،
سەۋر تاقەت سىناشما ھي XJ رەپتىكى قوناقلار .
غەيۋەت پېشۋا ئالىملىرى ئارتىس ئۇزۇن قۇلاقلار،
رېئال دەپلا باشقىلاردەك تېكىستكە يالغاننى قاتمايمەن.
قۇرۇق سۆلەت ھەيۋەڭنىڭ ئۈستىدىن مەن ئاتلايمەن،
لالما مۈشۈكلەر كىرىپ كېتىدۇ تۆشۈككە.
ئاكىلىرىڭ بىر بىرلەپ بۆلەپ قويدۇ بۆشۈككە،
يازمىدۇق ئەزەلدىن رېئاللىقنى كۆپتۈرۈپ.
ئوينىتىمىز گەپلەرنى سېنى خىيالغا چۆكتۈرۈپ،
سىلەر بەكلا يامان چولپان بولىسىلەر ھامان .
كۆپ كۆردۈم سىلەردەكنى تەشۋىقاتلار سامان،
تېكىستلىرىمىز رەڭلىك بولىدۇ قۇرۇق گەپتىن تەملىك.
تاقىمايمىز نىقاپنى سۈركىمەيمىز ئۇپا ئەڭلىك،
قولۇمدا رول يوق يانچۇقۇمدا پۇل يوق .
رەپلىرىمىزگە باھا بېرىپ قىلما بىزگە بۇيرۇق .
بىر قېلىپقا سېلىپ ھەممىنى دېگەن گەپلىرىڭ كەلمىدى،
ئوبدان تېتىپ ئاڭلاپ باق بىزدىكى رەپنىڭ تەمىنى.
ئۇر توقمىقىم ئۇر توقماق تۇر توقمىقىم تۇر توقماق،
تاغدەك ھاكاۋۇرلۇقۇڭنى قىلىۋېتىمىز قۇرۇقداپ.
تەسەۋۋۇردىن تەپەككۇدىن ھالقىغان رەپ ئەمەس،
خاتىرجەم بول بىزدىكى سۈرەت سېنىڭكىدىن كەم ئەمەس.
كۆزىمىز كۆرۈپ تۇرغان ھەممىنى بىلىپ تۇرغان،
بىز ئەزەلدىن ئۆزىمىزگە پاكىت بولغان .
你的现实是用这个想法写的,