作词 : Abdusalam Abduwali
作曲 : 小麦Music
编曲 : 小麦Music
ئىلىنمىدىم ئىتىبارىڭىزغا
ئۆز قەدرىمگە يىتىمەن ئەمدى
قۇيۇپ سىزنى ئارامىڭىزغا
كۆزىڭىزدىن يۈتىمەن ئەمدى
قۇيۇپ سىزنى ئارامىڭىزغا
كۆزىڭىزدىن يۈتىمەن ئەمدى
ئارتۇق بەرگەن كۆڭۈل سەۋەبلىك
ئاشىق كۆڭۈل بولدىغۇ دەرتلىك
ھەممىسىگە ئۆزۈم ئەيىپلىك
يەنە كىمدىن كۆرىمەن ئەمدى
ھەممىسىگە ئۆزۈم ئەيىپلىك
يەنە كىمدىن كۆرىمەن ئەمدى
ئەقىدەمنى بىلەر دەپتىمەن
مەندىن ئارتۇق سۆيەر دەپتىمەن
بىلسەم ئەسلى چۈش كۆرۈپتىمەن
رىئاللىققا قايتىمەن ئەمدى
بىلسەم ئەسلى چۈش كۆرۈپتىمەن
رىئاللىققا قايتىمەن ئەمدى
كۆز سالمايمەن گۈزەل يارلارغا
ئايلانساممۇ غېرىپ يالغۇزغا
كۆڭۈل بېرىپ ئاددي بىر قىزغا
ئۆز بەختىمنى تاپىمەن ئەمدى
كۆڭۈل بېرىپ ئاددي بىر قىزغا
بەختىمنى تاپىمەن ئەمدى