作词 : Evter/Nijatt
作曲 : Evter/Nijatt
مەن كىچىك ۋاقتىمدا مۇڭنى بىلمەيتتىم
ئەمدى مەن دەرتمەنلىرىنىڭ دەردىگە يەتتىم
كېچە كۈندۈز سېغىنىپ تىنماي ئاھ ئۇرۇپ
بۈگۈن مەن زار ئەيلەپ يولۇڭغا باقتىم
كېچە كۈندۈز سېغىنىپ تىنماي ئاھ ئۇرۇپ
بۈگۈن مەن زار ئەيلەپ يولۇڭغا باقتىم
كۈندىن كۈنگە ئېشىپ مېنىڭ ئاھۇ زارلىرىم
سېغىنىپ ، سېغىنىپ ھالىمدىن كەتتىم
ئامرىقىم بۇ مېنىڭ يۈرەك سۆزلىرىم
مەن سېنى ئۇزاتقان ئاشۇ ئاخشامدا
تەلمۈرۈپ كۆزلىرىڭ كۆزۈمگە باقتى
كېچە كۈندۈز سېغىنىپ تىنىماي ئاھ ئۇرۇپ
بۈگۈن مەن زار ئەيلەپ يولۇڭغا باقتىم
كېچە كۈندۈز سېغىنىپ تىنىماي ئاھ ئۇرۇپ
بۈگۈن مەن زار ئەيلەپ يولۇڭغا باقتىم
ئېيتسام ئېيتسام ،تۈگىمەيدۇ مېنىڭ دەردلىرىم
كۈندىن كۈنگە ئېشىپ مېنىڭ ئاھۇ زارلىرىم
ئامرىقىم بۇ مېنىڭ يۈرەك سۆزلىرىم