قېرىنداش
مۇزىكىسى:پەرھات ئابىت چوغلانى،
تېكىستى:مەمتىلى ھېزىم،
ناخشىدا:Tilam ebrayim،
مۇزىكىدا: ئەزىز تۇرغان،
ساڭا يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ قېرىنداش،
باشقاتتۇرۇپ غېمىڭدە كەچ ياتىدۇ قېرىنداش،
مېيىت يالغۇز چىققاندىن يوقتۇر ئارتۇق غېرىبلىق،
ئۆلگەن چېغىڭ ياش تۆكۈپ ئۈن سالىدۇ قېرىنداش،

مۇزىكا
بىر ئاتا ۋە ئانىدىن بۇ دۇنياغا تۆرەلگەن،
ۋۇجۇدۇڭغا خۇي پەيلى ئوغۇز بىلەن تەڭ كىرگەن،

ئاداۋەتنى دوست تۇتما ئىناقلىقىڭ ئامىتىڭ،
ئىنساپ بەرگەن بىر كۈنى سۆز ئاچىدۇ قېرىنداش،

بەزى ئادەم پەرۋانە نېمىتىڭنى يېگۈچە،
ئەسقاتىدۇ ، تۇغقىنىڭ ، قېرىندىشىڭ ئۆلگۈچە،
كىچىك بولساڭ چوڭلارنىڭ ئالدىغا بار ئېگىلىپ،
ۋاپادارلىق ئويغىنىپ كۆز ئاچىدۇ قېرىنداش،