作词 : ST/Vn
作曲 : 网络
قايتىپ كېلەر دەپ ئۈمىد باغلىغان ئۇچۇپ كەتتىڭ كەلمەسكە
قولۇم يەتمىدى ساڭا سەن ئېگىز مەن پەستە
قالدىم مەن ھەسرەتتە ئېرىشتىڭ زادى نېمىگە
مۇھەببەت دوقمۇشىتا ئۇرلۇپ سوقلۇپ قالدىم مەن تەس كۈندە
يەنە بىر قېتىم ئالبۇمنى ئۆرۈپ ئازاپنىڭ نىقابىنى چۆرۈپ
كۈلدۇم مەن رەسىمىڭنى كۆرۈپ شامالغا دەردىمنى تۆكۈپ
قەلبىمگە ئارزۇلار پۈكۈپ مۇھەببەت دېڭىزىغا چۆكۇپ
تۇنجۇقتۇم دېڭىز سۈيىدە ئويغاندىم ئۇيقۇدىن چۆچۈپ
تەن بەردىم رىئاللىققا مەن بەكلا ئاجىزكەنمە
يېتەلمىدىم سېنىڭ ۋىسالىڭغا مەندىن بەك يىراقكەنسە
تىرىشىتتىم ھەم تىرىشىمە سىنىلا ئويلايمە ھەر نەپەستە
ئىككىمىز ئەسلى بىر جۈپ قۇش سەن تېشىدە مەن قەپەستە
ئەگەردە قايتالىسام بۇرۇنقى كۈنگە
سەن ئۈچۈن ھەممىنى قىلىمە
رازى مەن دېڭىزغا چۆكۈپ ھەتتاكى سەن ئۈچۈن ئىزدەيمە يىڭنە
سوئاللار قويدۇم ئۆزۈمگە خاتالىق زادى سەندىمۇ مەندە
ئېرىشكەن جاۋابىم شۇ بولدى مەن سىېنى سۆيمەيمە
مارجاندەك يېشىڭ تۆكۈلگەن چاغدا ، يېنىڭدا كەچۈر مەن بولالمىدىم .
كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مەن سېنىڭ سىمايىڭنى كۆرەلمىدىم .
بىلەلمىدىم زادى نېمە سەۋەب بىلەن تەقدىر ئايرىدى ئىككىمىزنى .
ئۆز قولۇم بىلەن قۇرۇتتۇم تەستە ئېچىلغان سۆيگۈ گۈلۈمنى
سېغىندىم ، ئەمما كۆز ئالدىمدا يوقسەن قارايتتى سۈرىتىڭگە .
مۇھەببەت گۈلى ئېچىلدى ، ئەمما قانمىدى سېنى مېھرىڭگە .
قارايتتىم كۈنلەپ خۇشاللىق ئىزدەپ سېنىڭكى كۈلكە باسقان چېھرىڭگە
سېنى يېنىمدا بار دەپ ئالداپ كۈنلەپ سۆزلەپ ئۆزۈمگە .
بۈگۈن كەچ تىمتاس ئاي چىقمىدى ، چۈنكى يېنىمدا سەن يوق ئىدى.
قىشنىڭ شامىلىغا ئەگىشىپ يوقىدى ، ماڭا قالدۇرغان خۇشبۇي ھىدى .