作曲 : 阿力-Ali
编曲 : 阿力-Ali
دوستۇما مەندىن «نىچۈن رەڭگىڭ سامان» دەپ سورىما
«نە ئازار يەتتى ساڭا، دەردىڭ يامان» دەپ سورىما
كۆزلىرىڭ نۇردىن يىراق، ئۈستى-بېشىڭ دەرۋىش سىياق
«ئاھ ئۇرۇپ يالغۇز-ياياق ماڭدىڭ قايان» دەپ سورىما
ئىشقىدا توۋلاپ غەزەل ماڭدىم دېسەم بىر يار ئۈچۈن
«سېنى مەست قىلغان ئۆزى، قايسى جانان»دەپ سورىما
ئاشىقى مەجنۇن قىلىپ ئىشقىڭدا سەرسان ئەيلىگەن
«ئېيتقىنا مەن بىر بىلەي، قايسى نادان» دەپ سورىما
مەن گويا نەۋائىيدەك مەيخورغا ئايلاندىم بۈگۈن
«نە سەۋەپ ئاشىق ئۈچۈن تاردۇر جاھان» دەپ سورىما
ئول پەرى بىر كۈن ماڭا ۋىسال شارابى بەرگۈچە
«قۇپقۇرۇق سۆيگۈ پىيالەڭ تولغاي قاچان» دەپ سورىما