作词 : Chimengul Awut
作曲 : Mamtimin Mamut
编曲 : Mamtimin Mamut
سېغىنغانسەنمۇ
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
كۆكلەم قارلىغىچىنىڭ ئۇۋىسى نەدە
سىنى مىھرىم بىلەن كۈتەي شۇ يەدە
سېغىندىم يامغۇرسىز مۇشۇ كۈنلەردە
سەنمۇ مەندەك سېغىنغانسەنمۇ
سېغىندىم يامغۇرسىز مۇشۇ كۈنلەردە
سەنمۇ مەندەك سېغىنغانسەنمۇ
♬♬♬♬♬
گۈللەرنىڭ شەبنىمى قۇرىدى يۈتتى
ئەزىزىم پىراقىڭ جېنىمدىن ئۆتتى
گۈللەرنىڭ شەبنىمى قۇرىدى يۈتتى
ئەزىزىم پىراقىڭ جېنىمدىن ئۆتتى
باغرىمنى ھىجرانىڭ ئەجەپ قان ئەتتى
سەنمۇ مەندەك سېغىنغانسەنمۇ
باغرىمنى ھىجرانىڭ ئەجەپ قان ئەتتى
سەنمۇ مەندەك سېغىنغانسەنمۇ
♬♬♬♬♬
بۇلاقلار ھەسرىتىنى تۆكتى كۆزۈمگە
بۇلبۇلنىڭ نالىسى كۆچتى ئۈنۈمگە
قەدىرىڭنى يۇلتۇز قىلدىم يالغۇز تۈنۈمگە
سەنمۇ مەندەك سېغىنغانسەنمۇ
قەدىرىڭنى يۇلتۇز قىلدىم يالغۇز تۈنۈمگە
سەنمۇ مەندەك سېغىنغانسەنمۇ
ھاياتىم چۆلىنىڭ گۈلخانى سەنسەن
نىگارىم ئىشقىڭدا كۆيەر جانۇ-تەن
ھاياتىم چۆلىنىڭ گۈلخانى سەنسەن
نىگارىم ئىشقىڭدا كۆيەر جانۇ-تەن
بىلەمسەن سەن ئۈچۈن ياشايمەن ئەركەم
سەنمۇ مەندەك سېغىنغانسەنمۇ
بىلەمسەن سەن ئۈچۈن ياشايمەن ئەركەم
سەنمۇ مەندەك سېغىنغانسەنمۇ
سەنمۇ مەندەك سېغىنغانسەنمۇ
翻译:ALM灬阿帥