قاقشىما ئاغىنەم كۆرگەن كۈنىڭدىن
ھاياتنىڭ يۇللىرى ئەگرى تۇقايدۇر
ئامىتى قاچسىگەر بايۋەتچىنىڭمۇ
تەرگىنى ئاقىۋەت تاغدا قۇرايدۇ
ئامىتى قاچسىگەر بايۋەتچىنىڭمۇ
تەرگىنى ئاقىۋەت تاغدا قۇرايدۇ
تۇغۇلدۇڭ چىدىغىن ياشا ئۈكۈنمە
بىركەم دۇنيادۇر ئازاپلانمىغىن
سىنىڭمۇ ئامىتىڭ كىلىدۇ ھامان
ئاھ ئۇرۇپ ئۈزۈڭنى تاشلىۋەتمىگىن
سىنىڭمۇ ئامىتىڭ كىلىدۇ ھامان
ئاھ ئۇرۇپ ئۈزۈڭنى تاشلىۋەتمىگىن
كۈلگەنگە ئارتۇقچە قىلمىغىن ھەۋەس
كۈلگەنلەر بىر ئۆمۈر كۈلۈپلا ئۆتمەس
كۈلگەنگە ئارتۇقچە قىلمىغىن ھەۋەس
كۈلگەنلەر بىر ئۆمۈر كۈلۈپلا ئۆتمەس
ھاياتنىڭ كۈلكىسى يىغىسىمۇ با
دۇنيادا ھىچ كىشى غەمسىزمۇ ئەمەس
ھاياتنىڭ كۈلكىسى يىغىسىمۇ با
دۇنيادا ھىچ كىشى غەمسىزمۇ ئەمەس