作词 : Halik
作曲 : Halik
كاتتا يايلاق
كاتتايلاق ئەجەپ يايلاق
ئەجەپمۇ يايلىيالمادىم
ئەجەپمۇ يايلىيالمادىم
بۇ يايلاق ئەجەپ يايلاق
ئەجەپمۇ يايلىيالمادىم
ئەجەپمۇ يايلىيالمادىم
يايلىساممۇ يايلادىم
ئوتۇڭغا چىدىيالمادىم
ئوتۇڭغا چىدىيالمادىم
يايلىساممۇ يايلادىم
ئوتۇڭغا چىدىيالمادىم
ئوتۇڭغا چىدىيالمادىم
كاتتايلاققا بارغۇچە
ساناپ ئۆتتۈم خۇمداننى
ساناپ ئۆتتۈم خۇمداننى
كاتتايلاققا بارغۇچە
ساناپ ئۆتتۈم خۇمداننى
ساناپ ئۆتتۈم خۇمداننى
يار مېنى يامان دەپتۇ
تېپىۋالسۇن ئومداننى
تېپىۋالسۇن ئومداننى
يار مېنى يامان دەپتۇ
تېپىۋالسۇن ئومداننى
تېپىۋالسۇن ئومداننى
قىزىل گۈلنى دېمىسەم
غۇنچە سېنى ئۈزگۈم يوق
قىزىل گۈلنى دېمىسەم دادەي
غۇنچىسىنى ئۈزگۈم يوق
سەن يارىمنى دېمىسەم
بۇ شەرىڭدە يۈرگۈم يوق دادەي
بۇ شەرىڭدە يۈرگۈم يوق
سەن يارىمنى دېمىسەم
بۇ شەرىڭدە يۈرگۈم يوق دادەي
بۇ شەرىڭدە يۈرگۈم يوق
قىزىل گۈل ئارىسىدا
بويۇڭنى كۆرۈپ قالدىم
قىزىل گۈل ئارىسىدا دادەي
بويۇڭنى كۆرۈپ قالدىم
ئېيتمىغانغا بولمايدۇ
مەن ساڭا كۆيۈپ قالدىم دادەي
مەن ساڭا كۆيۈپ قالدىم
ئېيتمىغانغا بولمايدۇ
مەن ساڭا كۆيۈپ قالدىم دادەي
مەن ساڭا كۆيۈپ قالدىم
مەن ساڭا كۆيۈپ قالدىم