ئاھ ، مەلىكەم مەلىكەم يار مەلىكەم
ئاي مەلىكەم مەلىكەم جانىم مەلىكەم
. ئاھ ، مەلىكەم مەلىكەم يار مەلىكەم
ئاي مەلىكەم مەلىكەم جانىم مەلىكەم .
مەھەللىمىزدە ياش بالىلارنىڭ بويى ئېگىز پەس ،
ئالدىرىماڭلار ياش قىز بالىلار ئەرگە تەگمەك تەس
. ئەرگە . تەگسەڭ ماڭا تەگكىن راھەت كۆرەرسەن
چاپىنىڭنىڭ پېشىغا ، ئالما تېرىسەن .
. ئەرگە . تەگسەڭ ماڭا تەگكىن راھەت كۆرەرسەن
چاپىنىڭنىڭ پېشىغا ، ئالما تېرىسەن .
ئاھ ، مەلىكەم مەلىكەم يار مەلىكەم
ئاي مەلىكەم مەلىكەم جانىم مەلىكەم
مۇزىكا
مەن ماڭدىم ، كېچە بىلەن ئېرىقنىڭ ئىچى بىلەن
مەن ماڭدىم ، كېچە بىلەن ئېرىقنىڭ ئىچى بىلەن
يىگىت قولى باغلانسۇن قىزچاقنىڭ چېچى بىلەن
يىگىت قولى باغلانسۇن قىزچاقنىڭ چېچى بىلەن .
چامغۇر زەردەك توشتى قازانغا گۆشگىردەك ماڭىلا يارايدۇ
ئاۋۇ بالىلارنىڭ كۆڭلى بۆلەك باشقىچە قارايدۇ ،
ئاۋۇ بالانىڭ كۆڭلى بۆلەك سىڭايان قارايدۇ .
مۇزىكا
يەكەن پوسكام ، ئىگەرچى خانىم بىزگە تىگەرچى
يەكەن پوسكام ، ئىگەرچى خانىم بىزگە تىگەرچى
خانىم بىزگە تەگمىسە ئېلىۋالسۇن كۆمۈرچى .
خانىم بىزگە تەگمىسە ئېلىۋالسۇن كۆمۈرچى .
چامغۇر زەردەك توشتى قازانغا گۆشگىردەك ماڭىلا يارايدۇ
ئاۋۇ بالىلارنىڭ كۆڭلى بۆلەك باشقىچە قارايدۇ ،
ئاۋۇ بالىلارنىڭ كۆڭلى بۆلەك باشقىچە قارايدۇ ،
مۇزىكا
ئەيسا ئاكام يولغا چىقىۋاپتۇ
قولىدا ھاسىسىنى كۆتۈرۈپ
ئەيسا ئاكام يولغا چىقىۋاپتۇ
قولىدا ھاسىسىنى كۆتۈرۈپ
قېرىغاندا يار تۇتۇۋاپتۇ
ئادەمنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرۈپ .
قېرىغاندا يار تۇتۇۋاپتۇ
ئادەمنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرۈپ .
شوخلاپ ئويناڭ شوخلاپ
سەكرەپ ئويناڭ سەكرەپ .
چۆرگىلەپ ئويناڭ چۆرگىلەپ
دەسسەپ ئويناڭ دەسسەپ .
گۇپپا گۇپپاڭ گۇپپاڭ ، گۇپپاڭ
دەسسەپ ئويناڭ دەسسەپ .
مۇزىكا
قوناقلىقنىڭ ئوتتۇرىغا
ئۈنىۋاپتۇ تاش كاۋا ،
قوناقلىقنىڭ ئوتتۇرىغا
ئۈنىۋاپتۇ تاش كاۋا ،
شەرەت قىلسام ، بىلمەيسەن
توۋلامدىمەن ئاشكارا
شەرەت قىلسام ، بىلمەيسەن
توۋلامدىمەن ئاشكارا
شوخلاپ ئويناڭ شوخلاپ
سەكرەپ ئويناڭ سەكرەپ .
چۆرگىلەپ ئويناڭ چۆرگىلەپ
دەسسەپ ئويناڭ دەسسەپ .
گۇپپا گۇپپاڭ گۇپپاڭ ، گۇپپاڭ
دەسسەپ ئويناڭ دەسسەپ .
شوخلاپ ئويناڭ شوخلاپ