作词 : talghat-turghanali
作曲 : talghat-turghanali
ئەللەي ئېتىپ قوينىدا دەپ باققان .
ئوتلۇق مېھرىنى ئالەمگە چاچقان .
پەرزەنت ئۈچۈن باغلار ياراتقان جان ئانام
سەن بولمىساڭ قانداق چىدايمەن ؟
ھايات يولۇمدا قۇياشتەك يانغان
پۇت قولۇمغا كۈچ ، مادار قاتقان .
مەن يىغلىسام سەل بولۇپ ئاققان جان ئانام .
سەن بولمىساڭ قانداق چىدايمەن ؟
سەنسىز كۈلكە تاپالماس ئۆيۈم .
مەنسىز كۈلكە خالىماس كۆڭلۈم .
كېچە كۈندۈز مەندە خىيالىڭ جان ئانام
سەن بولمىساڭ قانداق چىدايمەن ؟
بالام دەيسەن ، غېمىمنى يەيسەن . يۆلەنچۈكۈم سەن مېنى يۆلەيسەن . سەۋەنلىكىمنى دائىم يۆگەيسەن جان ئانام
سەن بولمىساڭ قانداق چىدايمەن ؟
جېنىم ئانا ، ياشىغىن ، ئۇزاق .
سەن بولغاچ يوق، يولۇمدا تۇزاق سەن بولغاچ مەن دەتلەردىن يىراق جان ئانام
سەن بولمىساڭ قانداق چىدايمەن ؟