作词 : Nijat_T9
作曲 : Nijat_T9
混音:Nijat_T9
母带:Nijat_T9
编曲:9Zi
يەنە.. . . . . . . ئاۋۇ ئىتلار توختىماي قاۋاپ
يەنە. . . . . . . يەنە كەسلەنچۈكتەك ئارقىمدىن ماراپ
مانا. . . . . . . .ھە دەپ بەرسە پاتتاڭغا مېندى ؟
قارا. . . . . . . قولامنى تىقىۋىتىمەن ئاغزىڭغا .
ئاۋۇ قىز بىر ئوغۇل بالا بىلەن ماشىندا
پالانچىنىڭ بالىسى ئىچىپ مەس يېتىپ قاپتۇ كوچىدا
مەھەللىدىكى ئاپاشلار ئىسسىق چاينى دەپلەپلا
گازىر پۇرچاق قولىدا ، غەيۋەتلەرنى باشلاپلا
ناۋادا ئالدىدىن ئۇخمايلا ئۆتۈپ قويسا
تۈگىدى ئۇنىڭ كېيىنكى ئۆمرى نامى چىقىدۇ بۇ كوچىغا.
ھازىر قانداق ئۇقامسەن كىچىكلەرگە يۇقۇپتۇ
بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن كېيىنكى مۈڭگۈز ئېشىپتۇ
سەن بارمىغان سورۇنلارغا سېنىڭ ئسمىڭ چىقىپتۇ
قارا مەن تونۇمايدىغان قىزلار مۇھەببىتىم بولۇپ كېتىپتۇ
توختىمىدى غەيۋەت ، توختىمىدى ھەسەت
ماڭا قانداق ياشا دەپ قىلىدۇ دەۋەت
تۈگىمىدى پاراڭ، يۈتمىدى ساراڭ
غەيۋەتخورغا بايرام ، بۇلارغا مەن ھەيران.
يەنە.. . . . . . . ئاۋۇ ئىتلار توختىماي قاۋاپ
يەنە. . . . . . . يەنە كەسلەنچۈكتەك ئارقىمدىن ماراپ
تەس. . . . ئىتنىڭ پوق يېيىشنى ئۆزگەرتمەس
پەس. . . . زىدى پەسنىڭ كېلىدۇ تىگى پەس
خەقنىڭ مەن بىلەن نېمە چاتىغىتىكەن بولۇپ سانجىلدىمۇ كۆزىگە
دەيمەن ئۇستىخان تاشلاپ بېرىپيولۇمغا دەپ ئۆزۈمگە
ئالدىڭدىن كۈلكە، ئارقىڭدىن قىلىدۇ غەيۋەت
شۇلارنى ئوخشىتىمەن قىزىل تۈلكىگە
ساڭا پەقەت ئەسكەرتىش بېرەي
كىشىگە سانىساڭ يانىدۇ ئۆزۈڭگە
يەنە.. . . . . . . ئاۋۇ ئىتلار توختىماي قاۋاپ
يەنە. . . . . . . يەنە كەسلەنچۈكتەك ئارقىمدىن ماراپ
مانا. . . . . . . .ھە دەپ بەرسە پاتتاڭغا مېندى ؟
قارا. . . . . . . قولامنى تىقىۋىتىمەن ئاغزىڭغا .