作词 : Eliy Habir/ZHANG/Erzat
作曲 : Abdusami
编曲 : Ozlaxturulgan
سىنى خاتا سۆيگەن گۇنا ئۆزۈمدە بار ,
جاندىن ئەزىز كۆرگەن گۇنا ئۆزۈمدە بار ,
يالغان ۋەدە سۆزلىرىڭگە مەن ئىشىنىپ ,
مەن يارىم دەپ يۈرگەن گۇنا ئۆزۈمدە بار ,
يوقتۇر ئىتىبارسىز يۈرگۈنۈم ,
نەگە كەتتى بىر دانەم دەپ بىلگەنىم ,
مەن قەدرىنى قىلىپ ياخشى كۆرگەنىم ,
ھاياتىم دەپ بىلگەن گۇنا ئۆزۈمدە بار ,
بەرگەن كۆزۈم بوياپ ۋەدەلەر ,
بۇ كۆكسۈمدە قالدى يەنە دەت ئەلەم ,
ئۇ پەرۋاسىز كىتىپ قالدى نەگەلەر,
ئۇنىڭ يارى بولغان گۇنا ئۆزۈمدە بار ,
سىنى خاتا سۆيگەن گۇنا ئۆزۈمدە بار ,
جاندىن ئەزىز كۆرگەن گۇنا ئۆزۈمدە بار ,
يالغان ۋەدە سۆزلىرىڭگە مەن ئىشىنىپ ,
مەن يارىم دەپ يۈرگەن گۇنا ئۆزۈمدە بار ,
بارىم ئاتاپ ئۇنى شۇنداق سۆيگەنىم ,
خۇيلىرىغا چىداپ يۈرۈپ كۆنگەنىم ,
يالغانلارنىڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتكەنىم ,
قەدەملىرىم ئازغان سەۋەپ مەندە بار ,
شەرتلىرىگە ھەرقاچان مەن تەييارتىم,
ھەر سۈزىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر يارتىم ,
يانلىرىدا ھەمرا بولۇپ مەن بارتىم ,
سەزمەي يارغا كۆيگەن گۇنا ئۆزۈمدە بار ,
سىنى خاتا سۆيگەن گۇنا ئۆزۈمدە بار ,
جاندىن ئەزىز كۆرگەن گۇنا ئۆزۈمدە بار ,
يالغان ۋەدە سۆزلىرىڭگە مەن ئىشىنىپ ,
مەن يارى دەپ يۈرگەن گۇنا ئۆزۈمدە بار 。