作词 : Dilnar-Kaysar
作曲 : Dilnar-Kaysar
编曲 : Dilnar-Kaysar
作词: 无,
作曲: 无。
ئەجەپ كۆيدۈردى بۇ بۇ جاننى ،
بىقىپ ئوتلۇق خۇما كۆزلەر .
كىشىگە چىن مۇھەببەتنى ئەي ،
يىقىپ قويغان لاۋا كۆزلەر .
مۇزىكا
قارايمەن زادى قانمايمەن قانمايمەن ،
كۆزۈڭ نۇرىغا مەن ئەي مەن تەشنا .
چىراغمۇ ئۇ بۇلاقمۇ ئۇ ئەي ،
گويا قۇندۇز قارا كۆزلەر .
مۇزىكا
بىتاپتۇرمەن مۇھەببەتتىن ،
تۇتۇپ كۆرسەڭ تومۇرۇمنى .
شىپا ئىزدەي قاياقتىن مەن ئەي ،
ئۆزۈڭ بولغىن داۋا كۆزلەر .
مۇزىكا
بولاي قۇربانى كۆزلەرنىڭ كۆزلەرنىڭ ،
قاراسىگە جۇلا ئەي جۇلاسىگە .
قىلاي مەنمۇ غەزەلخانلىق ئەي ،
سىنى كۈيلەپ لاۋا كۆزلەر .