作词 : 7even Jaris
作曲 : 7even Jaris
编曲 : 7even Jaris
Prodby:LethalNeedle,DeiBeatsⅡ,Instrumentals
مەن تۇغۇلۇپلام ئائىلەمگە ئاپەت بولغان
قاچە قاچ ياقا يۇرتتا سەرسان بولغان
ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن غەزەپ نەپرەتنى كۆرۈپ بولغان
ھىلىمۇ تەلىيىم باكەنتۇق ئائىلەمنى يوقاتقىلى تاسلا قالغان
زاغرا تىلمدا كۆيگەن قاتتىق ناننىڭ تەمى بار
يىرتىق ئاياق ئاشقان تاشقان كىيىمنىڭ كىيگۈدەك نەرى بار
مەن كىيەتتىم قورساق ئاچ گۆشلۈك تاماق نەدە با
ناننى ئالغان قولۇمغا تەگكەن شاپىلاق ھېلھەم ئىسىمدە با
قولۇم تېز تۇنجىسىنى ئۇزاتتىم دادامنىڭ يانچۇقىغا
چىرايلىق قەلىمىم يوق قارىدىم خەقنىڭ قەلەم قاپچۇقىغا
تولا ئۆيگە كىرمەيتىم كۆپ قاچاتتىم سىرىتلارغا
ئېلىپلا قاچ دېدى ئۇ كىرىپ كەت ياندىكى تار كوچىغا
تاياق توقماق تەگسىمۇ يىغلىمايتتىم ئاچچىقىمدا
شۇ چاغدىكى ياردەم قول ياش ئەكەلدى چانىقىمغا
ئاجىز كۆرۈنۈشكە ئۆچ ئىدىم لىكىن بامۇ باشقا ئىلاج
خوشاللىقىمنى تۇرمۇش قىلدى مەندىن تالان تاراج
كىچىك قولۇمدا چاققىلى ماڭدىم كۆمۈرگە
تۇققۇز ياش ۋاقتىمدا كىردىم جاپالىق ھۆنەرگە
ئۇلارنىڭ قوللىرغا ئانىسى سۆيسە مېنىڭ قولۇم تىگەتتى تۆمۈرگە
تەسەللىي بېرىشىم ئۆزۈمگە خوشاللىقمغا سالغان كۆنەگە
ئايرىلدىم يوقاتتىم بۇقۇلداپ بۇلاقتەك يىغلىدىم
تۇنجى ئاتام يېشىنى كۆرۈپ رېئاللىققا ئېگىلدىم
قورقتۇم يۈرۈكۈمنى ئازابقا بېرىۋەتتىم
پۇشايمان كەلدى قول بېرىپ ئۈن دېمەيلا بىللە كەتتىم
ئارزۇيۇم چوڭ بولۇش ئۆز ئۆزۈمگە خان بولۇش
چوڭ بولساملا ئويلايتىم ئامراق نەرسەم تەل بولۇش
گۆدەكلىك تەمتەكلىك ئويلىماپتىمەن كەم بولۇش
خاتىرجەم ئەمەس يۈرەك كاللىدا توشقىدەك غەم بولۇش
شۇنداق ۋاقىتىم بوپتىكەن سوغۇقتا دىر دىر جاقىلداپ
پىژغىرىمدا ئۇسساپ چاڭقاپ لەۋلەر قۇرۇپ چاكىلداپ
ناھەقچىلىقنى كۆرسەم چىدىماي چىشلىرىم غۇچۇلداپ
مۇشتلىرىم تۈگۈلۈپ ئۆزۈمنى تۇتالماي غەزەپلىرىم ئۇچقۇنداپ
بۇرۇن كەلگەن بوران ئەكەتتى يەتتە يۇلتۇزدىن بىرسىنى
ئەمدى كەلگەن قۇيۇن ئۇدۇللا سۇسلاشتۇردى ئۈچىسىنى
بۇ بىر ئازاپلىق كۆرۈنۈش چىداپ يۈزلىنىش
بۇ ھېسيات خۇددى ئۆلۈپ يەنە تۆرۈلۈش
سۆيۈلمىسەممۇ سۆيدۈم مۇھەببەتكە ئىشەندىم
يەتتە يىل سۆيگەن ئاشىقلىقتىن يالغۇزلۇقنى ئۆگەندىم
كېچە بىلەن دەريا شۇ كونا جايىم ھەمراھ
ئېيتقىنا ئازابىڭغا كىم قىلىدۇ پەرۋا
ئۆگەندىم باشلاش كېرەك بۈگۈندىن
مۇھاببەتنى سىرتتىن ئەمەس ئىزدە ئىللىق ئۆيۈڭدىن
ئانامدىن ماڭا سىقىنغان ئوچۇم ئوچۇم بادامدىن
مۇھەببەت دېگەن نېمە كۆرەلەيسەن ئاناڭدىن داداڭدىن
ئايرىلىشنىڭ ئازابى بىتاپ قىلدۇ يۈرەكنى
پەرۋىشكارى بولمىسا بوران يالمايدۇ كۆچەتنى
خوشال قىلالماس مىسكىنلىكىمنى باشلاپ كەلسىمۇ ئۆمەكنى
ئۆلمىگەنكى ئۈمىد ئىزدەپ داۋام قىلدىم كۆرەشنى
بىر قولۇمدا چاقماق بىر قولۇمدا تاماكا
ئاغزىمدىن چىققان قويۇق ئىس لەيلەپ يوقايدۇ ھاۋادا
ئىسپىرىتتا گوللاپ ئۆزۈمنى كاللامدا يېشىلمىگەن سۇئاللار
خۇشاللىقىم كېتىپ قېلىشتى يىغقان ئىدىم چاپادا
قېرىندىشىم مەن ئۈچۈن ئائىلىگە ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن
مەكتەپنى ماڭا بېرىپ ئۆزى جەمئيەتكە چۆكۈپ كەتكەن
مەن ئۈچۈن قېرىندىشىم ئارزۇسىدىن ۋاز كەچكەن
خوشلىشارىمدا كۆزۈم قۇرۇق يۈرۈكۈمدە ياش كەتكەن
مىڭ ھالقىساممۇ جاھامدىن لېكىن ئەنسىرەيمەن ئانامدىن
ئانام بىچارە يالغۇزسىراپ چىرايى سۇلغۇن ساماندىن
قەيسەرلىكىڭ پالۋان ئانا باش ئەگمىدىڭ چاپادىن
يۈرىكىڭدىكى سېغىنىشنى چاندۇرمىدىڭ يوشۇردىڭ
شەھرىمنىڭ تونۇش پۇرىقنى يات شەھەرگە ئېپ كەلدىم
سېغىنىش بىلەن ئارزۇنى يۈرىكىمگە سېپ كەلدىم
مۇھىت ناتونۇش ناتونۇشسىزلىقلا
ئۆز يولۇڭنى ئۆزۈڭ تاپمساڭ يوق كۆرسەتكۈچ سىزىقلا
نېمىگە كۆنمىگەن جان بۇ قىش كەلسە كېلىدۇ يازمۇ
توختايدۇ چېلىنغان سازمۇ كۆرگىنىم ئۆزۈمگە ئازمۇ
دەپ تەسەللىيگە ئۆزۈمنى زورلاپ نۇرغۇن ئىشقا كۆنۈپ كەتتىم
ئادەم بولالماي ھايۋانچىلىك قىلىقلىرىغا كۈلۈپ كەتتىم
قول بەرگەنگە قول بېرىپ ھۆرمەت بەردىم بۇرادەر
بارنى بەردىم يوققا سوراپ ياردەم بەردىم بۇرادەر
ئالە ئال ماڭا كەلگەندە تاپالمىدىم بۇرادەر
ھال ئەھۋالمۇ سوراش يوق غادىيىشى مۇغەمبەر
ھەممە ئادەمنى ئۆزۈم چاغلاپ ئاق كۆڭۈل بولدۇم ئالدىمىدىم
ئاق كۆڭلۈمگە قار ياغدى مەيلى دېدىم پالىمىدىم
سەن خالىغانغا مەن كۆنمەي ئازار بېرىشنى خالىمىدىم
بىگۇناھنى خارلىمىدىم شۇڭا مەن ناھەقچىلقنى تاللىمىدىم
قىسقىغىنە نەچچە يىل يات شەھەردە يات پۇراق
قېرىندىشمنى سېغىنىپ يۇرت ھاۋسى خۇش پۇراپ
چەتكە قېقىلدىم ئۇرۇلدۇم سوقۇلدۇم ناھەق ئاھانەتلە
بىزنىڭ گېپىمىزنى كىم قىلىدۇ ئۈن چىقمايدۇ سۈكۈتتە
غاديىپ كەتكەن نوچىنىڭ ئالدىغا باردۇق ئىگىلىپ
تۇققۇز تازىم بەجا قىلساڭ خۇددى تاغدەك كېرىلىپ
نېمە چوڭچىلىق ئېيتە نېمە يوغانچىلىق
سوراي سېنىڭدىن كىم ياشىيالايدۇ ئەسىرچىلىك
تەرەققىياتقا ئەگىشىپ بۇزۇلۇپ كەتتى تەڭپۇڭلۇق
ئالسام سالسام بەرمىسەم يۇقىلىپ كەتتى غەمخورلۇق
ئەۋج ئالدى بىزدە تەمە بىلەن نەپخورلۇق
ياپالمىغان كەمچىلىكىنى يوغان قىلىپ ئېچىۋەتتۇق
ئادەم ئادەم باراۋەر ئۇ بۇرۇنلاردا قېپ قالدى
ئوسما بىلەن سۈرمە ئۇزۇن بولدى چۈشۈپ قالدى
يۇقىرى تۆۋەن تەبىقە ئېچىرقىغان كۆزلەر با
بۇ زاماندا ھەممە نەرسە باغلىنىپ قالدى پۇلغىلا
يولى بارلار سۆزلىمەيدۇ كېتىدۇ پەقەتلا ئىشارەت
پۇلى بارلار ساقلىمايدۇ ساڭا بېرىدۇ بىشارەت
ئامالسىز ئۈستۇڭدىن قىلسىمۇ تالاي شىكايەت
كۆز ئالدىڭ پۇل نام ئاتاق مۇشۇلار بىلەن ئىبارەت
چوڭ بولدۇم يېشىمدىن ھالقىغان نۇرغۇن ئېغىر بېسىم با
تۇرمۇش ئۈچۈن پالاقلاپ نۇرغۇن كوچىدا ئىزىم با
سىرتقا چىقساڭ جەمئيەت نۇرغۇن خىرىسنى يەڭمەك
ئىلاجىىسىز قالغىنىڭدا ئۆلمەك ئۈستىگە تەپمەك
چىقساڭ قۇرۇق قول ئازكەن چىقىش يول
مۇناسىۋەتنى باغلاپ تۇرىدىغىنى مەنپەئەت بىلەن قىزىل پۇل
پۇلنىڭ ئۈستىدە ئوت كۆيىدۈ
ئارزۇيۇمغا پۇل كېتىدۇ
تىل قىسىنغان ھەربىر يەرگە گەپ ئۆتمىسە پۇل ئۆتىدۇ
قەدەمدە قىينايدۇ نامراتلىق
باش ئەگمىگەن بەرداشلىق
چاپا كەينى گۈلزارلىق
ئارزۇ كۆكلىسە ياپراقلىق
نۇرغۇن كۆزلەر قادىلىپ تاماشامغا تەييار تۇرىدۇ
يۈزىگە سالمىغان ئادىمىم جىق ھەممىسى كۆڭلىدە ئۆزى بىلىدۇ
ئاز ئەمەس ئالدىمدا قالتىس ماختىغىنى راست ئەمەس
شېرىن شېكەر سۆز بىلەن تەگكۈزۋالغانلار ئاز ئەمەس
نەتىجەڭگە قىزىقىدۇ دەردىڭنى ئاڭلىشى راست ئەمەس
ھەممە ئادەمگە يېقىشلىق مەنمۇ كەلگەن تەلەي ئەمەس
ئازاپ كۆڭۈلسىزلىك دەرت ئەلەم ھەمىسى تۇرمۇشتكى ھادىسە
قېچىپ قۇتىلالماس ھەتتا تۇغۇلسا قورساقتىكى ھامىلە
تۇرمۇش دېگەن زادى نېمە زادى نېمە
تۇرمۇش كۆزۈڭ تارام ياش بولسىمۇ چىڭ تۈر مۇش
رېئاللىق رەھىىمسىز بولسىمۇ ئېتۋالمىدىم كۆزۈمنى
كەلگەن ھەربىر سىناقلاردىن قاچۇرمىدىم ئۆزۈمنى
ئازاب كەلسىمۇ تالاي تالاي يالتايمىدىم ئاھ ئۇرۇپ
يىقىلساممۇ تىك تۇرۇپ تېڭىپ قويدۇم يارامنى
ئاپتاپ ئوزۇق بەردى سايە چۆكتۈردى ئويغا
سالقىن بىلىندى كۆزلەر يۇمۇلۇپ كەلدى شېرىن ئۇيقا
قۇرقىمەن ئۇشتۇمتۇت كەلسە ھەرخىل پايدا
قوينىغا يوشۇۇرۇنغان نۇرغۇن نەيرەڭ بالا قازا
پېشانەمدىكى تەرنى ياپراققا چۈشكەن شەبنەم دېدىم
بۇ زېمىندىكى كەڭ يەرنى مەشىق قىلدىغان مەيدان دېدىم
مەسخىرەڭ ئاھانىتىڭنى ماڭا بەرگەن كۈچ دېدىم
ئاغرىنمىدىم ھەربىر ئىشتىن بىر ھېكمەتنى ئۆگەندىم
يىللار تاۋلىدى مېنى كەچمىشىمگە ئۆكۈنمىدىم
قىينالساممۇ چىداپ كەلدىم ھېچقايسىڭدىن ئۆتۈنمىدىم
ھېچقايسىڭدىن پاناھ سوراپ ئالدىڭغا بېرىپ يۈكۈنمىدىم
تۇغۇلۇشتىنلا باي باياشات باينىڭ بۇلۇپ پۈتۈلمىدىم
لېكىن ئائىلەمنى سۆيىمەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق باياشات يوق
ئاتا ئانام قېرىندىشىم ئۇنىڭدىن ئارتۇق قاياشىم يوق
تىرشىۋاتىمەن ئائىلەم ئۈچۈن ئۆزۈم ئۈچۈن سەپەردە
قانچە ئاچچىق كەچمىش بولسۇن يۈزلەن ئەتىدىكى سەھەرگە