作词 : Sur-Upuk
作曲 : Sur-Upuk
ئاينىڭ نۇرى چۈشكەن بۇ ئارال
شۇنچە تىمتاس مەن يالغۇز بۇ يەردە
قۇياش نۇرىنىڭ بەرىكىتى يوق ئەسلا
تۇرغان بولساممۇ قۇياشنىڭ ئاستىدا
نەدە مېنىڭ يولۇم سوراپ سان-ساناقسىز يۇلتۇزلاردىن
قۇچاقلاپ گىتتارنى يالغۇز ئارالدا
تاغلار گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەندە
دەريا ئۆركەشلەپ كەلگەندە
مەن يالغۇز مەن يالغۇز
تاغلار گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەندە
دەريا ئۆركەشلەپ كەلگەندەمەن يالغۇز مەن يالغۇز
شامنىڭ يورۇقىدا سۈرەتلىرىڭگە قاراپ
ئۆتتى ۋاقىتلار قانچە يىللار شۇ چاغلارنى ئويلاپ
ياغقان يامغۇر سۈرتەلمىدى يۈرەكتىن ئاققان ياشنى
قۇچاقلاپ گىتتارنى يالغۇز ئارالدا
تاغلار گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەندە
دەريا ئۆركەشلەپ كەلگەندە،
مەن يالغۇز مەن يالغۇز
.تاغلار گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەندە
دەريا ئۆركەشلەپ كەلگەندە
مەن يالغۇز مەن يالغۇز