作词 : 海瓦斯Hawvas
作曲 : 海瓦斯Hawvas
شۇ يىلى ياز پەسلى مەن راستلا چوڭ بولغان
ساڭىلا مۇلايىم باشقىسىغا ، توڭ بولغان
قولۇمدا گۈلدەستە ، تارتىنىپ ھەم تەستە
كەچتىكى قۇياش نۇرى ساقلاتتىم سەن بىلمەستە
قارايمەن ئاسمانغا ئوخشايسەن داستانغا
مەڭزىڭ قىزىراتتى تېگىشكەندە ئالقانلار
مەھەللەڭگە بارغاندا قارايمەن ئارقامغا
ساقلايمەن كىرىپ كەتكىچە ، بۇ مۇھەببەت يالغانما
بىز ئوقۇغان چاغدا مۇھەببەت پاكىز ئىكەن،
ساداقەتلەر كۈچلۈك ، ئاسىيلىق ئاجىز ئىكەن
مۇھەببەت نېمە دەپ سورايسەن مېنىڭدىن
بىر قۇتا مېنىرال سۇ كەتمەيسەن يېنىمدىن
يامغۇردا قۇچاقلىشىپ كۆزنى يۇمۇپ
يېنىمدا بىر تال كەمپۈت ، بىخەتەرلىك تۇيغۇ تولۇق
ھېسسىيات قايناق ئەمما ئەقلىمىز ئاز ئىكەنتۇق
ئولتۇرۇپ ئويلاپ باقسام بەك گۈزەل ياز ئىكەنتۇق
يامغۇردا قۇچاقلىشىپ كۆزنى يۇمۇپ
يېنىمدا بىر تال كەمپۈت ، بىخەتەرلىك تۇيغۇ تولۇق
ھېسسىيات قايناق ئەمما ئەقلىمىز ئاز ئىكەنتۇق
ئولتۇرۇپ ئويلاپ باقسام بەك گۈزەل ياز ئىكەنتۇق
شۇ يىلى ياز ، ھېسسىيات قايناق ئەمما ئەقلىمىز ئاز
يامغۇرلۇق يولدا ئىككى ياش قۇچاقلىشىپ يامغۇرنىڭ ئاۋازىدا بولغان ئىدى گاس
ئېسىڭگە كەلدىمۇ پۇتۇمدا كونۋېرىس سېنىڭكىدە ئادىداس
سېنى دەپ ماتېماتىكىغا ئۇستا بولۇپ كەتكەن ياغاچ قۇلاق گەپ ئاڭلىماس
بەخت نېمە دەپ سورايتتىڭ قۇلىقىڭنىڭ يېنىغا كېلىپ سېنىڭ ئىسمىڭنى دەپ بېرەتتىم
چاپاننىڭ ئالدىنى ئېچىۋېتىپ داۋخۇ مېڭىشىمنى دورايتتىڭ
ساڭا دېمىگەن ، چۈنكى ساڭا لازىم بولغان چاغدا ئەڭ تېز سۈرەتتە سېلىپ بېرەتتىم
نەقەدەر گۈزەل ئون يەتتە ياشتىكى ئاسمان
بۇ مۇھەببەتنىڭ تاتلىقلىقى بالىلار چۆچىگىدەك چوڭقۇرلۇقى داستان
چوڭلار كۆرۈپ قالمىسۇن دەيتتىڭ مەھەللەڭگە كىرگەندىن باشلاپ ئۈچ مېتىر يىراق ماڭاتتىم
ئەمما ، قاراڭغۇ چۈشكەن چاغلاردا چاپلىشىۋالاتتىم سۆيۈۋالاتتىم
ئاخىرىدا مەكتەپ پۈتتى چوڭ شەھەر كۆردۈڭ ئويۇن كۆردۈڭ
چىن مۇھەببەت ۋە گۈلدەستەك تەسىرلەنمەيدىغان بولدۇڭ
سەن ئۆلۈپ بولۇپسەن ، چۈنكى سەن شۇ يىلى يازدا ياتتىڭ
شۇ يىلى ياز پەسلى مەن راستلا چوڭ بولغان
ساڭىلا مۇلايىم باشقىسىغا ، توڭ بولغان
قولۇمدا گۈلدەستە، تارتىنىپ ھەم تەستە
ئەمما شۇ يىگىت ئايلاندى ھازىر زاباي قاۋاقتىكى مەسكە